جاۋاپ بېرىسەن (شېئىر)

 ئايتۇغ


ئايالسەن،دۇنياغا بىر لا كىلىسەن،

ئاياللىق بۇرچۇڭنى ئادا قىلغىنسەن.

بىخۇتلۇق تونىنى يىرتىپ سالغىنسەن،

ھەقىقى ئانىدەك قەدەم ئالغىنسەن.


قەرز،پەرز،سۇننەتنى،ئۇنۇتقانمۇسەن،

ئەسلىڭنى،ۋەسلىڭدىن تاندۇرغانمۇسەن.

ھالال جۇپتىڭ مېھرىنى قۇرۇتقانمۇسەن،

ھارامنىڭ نەپسىنى قاندۇرغانمۇسەن.


بارچە گۇناھنىڭ سەۋەبىمۇسەن،

ئەقىلنى،ئىماننى بۇلغىغانمۇسەن.

كاللاڭنى سېلكىگىن،تىكتۇرئەمدى بەس!

تۆت كۇنلۇك جاھان بۇ جاۋاپ بېرىسەن.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك