ئىككىلەنگەن سۆيگۈ (شېئىر)
ئىمىن ئەھمىدى
شارقىراپ بىردىنلا قۇيۇلدى يامغۇر،
دەرەخنىڭ تۈۋىگە يۈگۈردۈم چاپسان.
ماڭا تامچە ئەمەس، تەگدى گويا ئوت،
بىر گۈزەل تۇرمامدۇ يېنىمغا باقسام.
كۈلدى ماڭا قاراپ، كۈلەلمىدىم مەن،
نامەردلىك بولاتتى ھودۇقۇپ قاچسام.
ئۈن-تىنسىز بىر ھازا تۇرۇشۇپ كەتتۇق،
ئويلىدىم: نە بولار قوينۇمنى ئاچسام.
يامغۇرمۇ توختاپتۇ، قاپتىمەن يالغۇز،
بىر تاتلىق خىيالدا، ھوشۇمنى تاپسام.
«ھەي ئىسىت» دېدىم-دە، كۆككە توۋلىدىم:
«ساڭا نە خىجىللىق، ياغمامسەن چاپسان!!»
Yorumlar
Yorum Gönder