قەھۋە ئىچىش (شېئىر)


ئىمىن ئەھمىدى   


قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار،

ئۇخلىمىغان ئىكەن قوتاندا بىر كېچە سەكرەپ.

مەنمۇ بىر كۈنى سەنيادا بىر قىز بىلەن،

قەھۋە ئىچتىم قويلار ھەققىدە ھېكايە سۆزلەپ.   


ئۇمۇ شۇ ئاخشىمى ئۇخلىيالماپتۇ،

قويسىمۇ ئانىسى يوتقانغا چۆمكەپ.

ئەتىسى كۆرۈشكەندە سۆرەپلا ماڭدى،

«خالىي بىر جاي تېپىپ قەھۋە ئىچسەك» دەپ.   


ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى تالاي ئاخشامنى،

كۆڭلىدىكى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ.

ياشىسىمۇ بولغىدەك ئادەم ئاشۇنداق،

ھەممە قىلغۇلۇقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ.



(يەنە بىر نۇسخىسى:)


قەھۋە


قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار،

ئۇخلىمىغان ئىكەنمىش قوتاندا سەكرەپ.

بىر كەچ تۈرك قىزى بىلەن قەھۋە ئىچتۇق،

خىلۋەت چايخانىدا ھېكايە سۆزلەپ.

ھېرىش يوق، گەپ بىلەن تۈگىدى ئاخشام

قايتىپ كەتتۇق ئۆيگە ۋاقىتنى خەپلەپ.

ئەتىسى ئۇچراشتۇق، سۆرەپلا ماڭدى

يەنە تۈنۈگۈنكىدەك قەھۋە ئىچسەك دەپ.

ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى نەچچە ئاخشامنى

جىمى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ.

ياشىسىمۇ بولغۇدەك ئادەم شۇ يەڭلىغ

ئويۇن-چاقچاقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ... 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك