ئۆسەك سۆز (شېئىر)



سائادەت ساتتار (ئايتۇغ)   


خېچىر،ئۆكۈز،ھاڭگىنى تۇغدۇراركەن ئۆسەك سۆز،

ھۇلى مەزمۇت قورغاننى ئاغدۇراركەن ئۆسەك سۆز.

ئاتىنىمۇ نەسلىدىن تاندۇراركەن ئۆسەك سۆز،

ئاتلىقنىمۇ يالاڭياق ماڭدۇراركەن ئۆسەك سۆز،

پىژغىرىندا قارلارنى ياغدۇراركەن ئۆسەك سۆز.   


قول بېرىشكەن دوستلارنى ئايلاندۇرۇپ رەقىپكە،

‹ كۈچۈردى› دەپ تون پىچىپ كەيدۇرەركەن ئەدىپكە،

بىردەمدىلا ئۈششۈكنى سوۋغا قىلىپ بەختكە،

كۈن چىقتى دەپ قارىتىپ بارچە ئەلنى غەرىپكە،

شەرق تامان قۇياشنى پاتتۇراركەن ئۆسەك سۆز.   


ئىناق-ئىجىل ئائىلە ئۇ سەۋەپلىك توزاركەن،

ئىشى ئاقماس، كۆرەلمەس گەپ ئاينىتىپ ئوزاركەن،

ئېچىلمىغان غۇنچىلار ۋاقىتسىزلا قۇراركەن،

قۇرۇق تاغار-مىشكاپلار تېخى ئۆرە تۇراركەن،

ھەقىقەتنى بىر پۇڭغا ساتتۇراركەن ئۆسەك سۆز.   


مەنزىل بويلاپ ماڭغاننى نىشانىدىن ئازدۇرۇپ،

بىرلىرىنى داق يەردىن ئالتۇن-كۈمۈش قازدۇرۇپ،

تارىخلارنىڭ بېتىنى يىرتىپ قايتا يازدۇرۇپ،

مۈشۈك بىلەن چاشقاننى ئاداش قىلىپ ماڭدۇرۇپ،

بىر تۆشەكتە ئۇلارنى ياتتۇراركەن ئۆسەك سۆز.


پۇل تاپقاننى ھارامدىن بېيىغان دەپ سوت ئېچىپ،

چىڭ يېرىگە چىققاندا قۇيرۇق قىسىپ جىم قېچىپ،

ھۈنىرى يوق ئۆزگىچە ياۋىداقتىن گەپ سېتىپ،

قەدەم تەككەن يېرىگە ئاداۋەتنى خوپ چېچىپ،

كەسىپ بولۇپ رەڭۋازغا جان باقاركەن ئۆسەك سۆز.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك