كۈتۈپخانا، مەن ۋە «تۇغۇت جېڭى» ھېكايىسى (ئوبزور)

 زۆھرەگۈل ھامۇت


بۈگۈن ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىدى. كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە ئىش ئۈستىلىمدە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزۈم مەسئۇل خىزمەتنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتىم. قانۇنىيەتلىك خىزمەت ھېچقانداق يېڭىلىقى بولمىغان ھالدا، ھەر كۈنى بىر خىل قېلىپتا، بىر خىل رېتىمدا ۋە بىر خىل خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، يىللار مېنىڭ ياشلىقىمنى، زېھنىمنى، ئىنتىلىشلىرىمنى ئوغرىلاپ قاچماقتا. ئەپسۇس، مەندە شۇنداق بىر ھاياجانلىق تەلپۈنۈش باركى، بۇ تەلپۈنۈش ماڭا ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆز مەنىسى بىلەن تونۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىمنى كۈنسېرى زورايتىپ بارىدۇ. بۇ خىل ھاياجاندىن ئايرىلىشنى پەقەت تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىدىم. بۇ ھاياجانلىق تەلپۈنۈش دەل مېنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەلۋەتتە. ژۇرناللاردىكى يېڭى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان ئادىتىم بار ئىدى. شۇ ئادىتىم بويىچە كۈتۈپخانىغا كىردىم. كىرىپلا مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ھەم ئەپسۇسلاندۇرغان ئىش شۇ بولدىكى، كۈتۈپخانىدا كىتاب ئوقۇۋاتقان بىرمۇ مىللىي يولداشلارنىڭ بولماسلىقى ھەم كۈتۈپخانىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە چىقىدىغان ئەدەبىي ژۇرناللارنى شىددەت بىلەن قىسقارتىپ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە نەشر قىلىنىدىغان ژۇرناللارغىلا مۇشتەرى بولۇشى ئىدى. كۆڭلۈم گويا چوڭ بىر يوقىتىشقا دۇچ كەلگەندەك ئىنتايىن يېرىم بولدى. بۇنىڭ سەۋەبى دەل كومپيۇتېرنىڭ ئائىلىلەرگىچە ئومۇملىشىشى ۋە تور ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلەرنىڭ سەرخىللىشىشى بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى مەلۇم نىسبەتتە قاندۇرۇلغانلىقتىن، ئۇلار كۈتۈپخانىغا كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن يولدا مېڭىشقا كەتكەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە، ئۆيدە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپلا تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئېستېتىك زوق ئالالايدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىل يۈزلىنىش ئۇيغۇر ژۇرنالچىلىقىغا خىرىس ئېلىپ كېلەمدۇ قانداق؟ مەن ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ۋە ئەندىشىلىك خىيال ئىلكىدە ژۇرناللارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرغاچ، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 7-سانىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم. ژۇرنالدىن يازغۇچى رىسالەت مەرداننىڭ «تۇغۇت جېڭى» ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇپ چىقىپ، ھېكايىدىكى ۋەقەلىكتىن قەلبىم لەرزىگە كېلىپ، كاللامدا ھەرخىل ئوي-پىكىرلەر قاناتلىنىشقا باشلىدى. ھېكايە ئوتۇنچى توختىنىڭ ئوتۇن كېسىپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقانلىقى، بۈگۈن ئادىتى بويىچە ئوتۇن ئەكىلىش ئۈچۈن جاڭگاللىققا بارغانلىقى، قېيىشقاندەك بىر كۈن كەچكىچە ئىزدەپمۇ كەسكىدەك قۇرۇق ئوتۇن تاپالمىغانلىقى، ئاي-كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئايالى مەرەمخان ئەتىدىن كەچكىچە ئېرىنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ سۇيقاش ئېتىپ ساقلىغان بولسىمۇ كەلمىگەنلىكى، شۇنداق ئەھۋالدا مەرەمخاننىڭ تولغىقى تۇتۇپ، ئادەمزاتسىز ئۆيدە تولغاق ئازابىدا پەرياد چەككەنلىكى، قۇرۇق ئوتۇن تاپالمىغان ئوتۇنچى توختى ئامالسىز ھۆل ئوتۇننى كېسىپ ئايسىز قاراڭغۇدا كېچىلەپ ئۆيگە قايتماقچى بولغانلىقى، ئۆيگە قايتىش يولىدا ئېشىكىنىڭ ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىقتىن ماڭغىلى ئۇنىماي قوشقۇنغا ئولتۇرۇۋېلىشى، ھاردۇق يەتكەن توختى ئېشەك ئۇسسۇزلۇق ۋە يەم يېگىلى تۇرغاندا ھارغىنلىقتىن كۆزىگە ئۇيقۇ ئېلىنىپ، شۇ ئۇخلىغانچە كۆزىنى ئېچىپ قارىسا تاڭ ئېتىپ كەتكەنلىكى، تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغان ئايالىدىن ئۆلگۈدەك ئەندىشە قىلغان توختىنىڭ يولدىن قويغان ئېشەكنى غەزەپكە پاتماي ئۇرۇپ كەتكەنلىكى، ئاندىن ئالدىراپ-تېنەپ ئۆيگە بېرىپ قارىسا ئاغرىق ئازابىدا تولغىنىۋاتقان ئايالىنىڭ ئايىغىدا يېڭى دۇنياغا كۆز ئاچقان پەرزەنتىنىڭ ياتقانلىقى، ئالەمچە خۇشال بولغان توختى زۇۋانسىز تۇرغان يېڭى تۆرەلمىنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇپ، بالا يىغلىشى بىلەن كىندىكىنى كېسىپ زاكىلىغانلىقى، ئاندىن ئايالىنىڭ ئورنىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئانا-بالا ئىككىسىگە ئىسسىق ئېتىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىدەك ۋەقەلىك ئاساسىدا قاناتلىنىپ، ئوتۇنچى توختى ئوبرازى ئارقىلىق جاپا-مۇشەققەتتىن، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقمايدىغان، ھالال مېھنىتى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان، ۋاپادار، ئاقكۆڭۈل بىر ئىنسان تىپىنى ياراتسا؛ ئاي-كۈنى توشۇپ قالغان بىر ئايالنىڭ ئۆزى يالغۇز قالغان ھالەتتە بارلىق غەيرىتىنى يىغىپ، ئاچچىق تولغاق، ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ، بالىنى ساق-سالامەت يەڭگىگەنلىكىدەك ئانىنىڭ قەيسەرانە ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قورقۇنچاقلىق، بېكىنمىچىلىك، مىسكىنلىك، يۆلەنچۈكۋازلىق پىسخىكىسىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس غەيرەت-جاسارىتىنى نامايان قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ھېكايىدە يارىتىلغان ئانا ئوبرازى قانداقتۇر رېئاللىقتىن چەتنىگەن مەۋھۇم ئوبراز بولماستىن، ئوقۇرمەن قەلبىنى ھاياتقا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ باغلاشقا ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا تەمتىرەپ قالماي پىداكارلىق بىلەن قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا ئۈندەيدۇ. تۇرمۇشتا مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، مەسىلىنىڭ نېگىزىنى باشقىلاردىن ئىزدىمەي، قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى يېڭىپ چىقىش يولى ئۈستىدە ئىزدەنسەك، بىزدە نۇرغۇن چارە-ئاماللار يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولىدۇ. ھېكايىدىكى ئانا ئوبرازى ھەرقانداق بىر ئانىنىڭ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ. چۈنكى رېئال تۇرمۇشتا ئادەمزاتسىز ئۆيدە بىر ئايالنىڭ تۇغۇتتىن ئىبارەت بۇ جەڭگە تاقابىل تۇرۇشى ۋە بارلىق جاسارىتى بىلەن بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىشى بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشتەك تۇيۇلىدۇ. شەخسەن مەنمۇ مۇشۇ خىل چۈشەنچىنىڭ ئاسارىتى ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ئانا. ئوتۇنچىنىڭ ئايالى دەل ئاياللاردىكى مىسكىنلىكنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىدىكى قەيسەرلىكتىن ئىبارەت يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىققان ئانىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.   

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يارىتىلغان ئاياللار ئوبرازى قانداقتۇر يىغا-زارىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان، يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ ياردىمىسىز بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان، مۇستەقىل قارىشى يوق ئۆلۈك ئوبراز بولماستىن، بەلكى دەل «تۇغۇت جېڭى»دىكى ئوتۇنچى توختىنىڭ ئايالى مەرەمخاندەك جىددىي ئەھۋالدا ئۆزىنى قۇتقۇزالايدىغان جانلىق ئوبراز بولۇپ يارىتىلغاندىلا، ھەرقانداق ئوقۇرمەن بۇ خىل يىرىك ئەسەرلەردىن بەدىئىي زوق ئالالايدۇ ئەلۋەتتە.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك