ئائىلەڭ (شېئىر)
مەمەتجان سەمەت
ئويلاپ باسقىن ھەر بىر قەدەمنى،
باسقان ئىزدىن گۈللىرىڭ ئۈنسۇن.
گۈلدەك گۈزەل ئىناق ئائىلەڭ ،
توزۇپ كەتمەي بەخىتكە چۈمسۇن.
رەنجىتمىگىن نازۇك دىلىنى،
ئايالىڭنىڭ قىلىپ قەدرىنى.
خۇشاللىققا تولسۇن ئائىلەڭ،
بۇ ھاياتنىڭ سۈرۈپ پەيزىنى.
ۋاپاسىز شۇ جانان كەينىدىن،
كېتىپ قالما ئېزىپ ئەقلىڭدىن.
توزۇپ كېتەر كۈلدەك ئائىلەڭ،
كەتسەڭ ئەگەر سېنىڭ دەستىڭدىن.
ئۆز يارىڭدەك ھېچكىم كۆيمەيدۇ،
چىن دىلىدىن سېنى سۆيمەيدۇ.
يوق بولسا گەر ئاشۇ ئائىلەڭ ،
كۈنىڭ ئەسلا خۇشال ئۆتمەيدۇ.
Yorumlar
Yorum Gönder