گۈزەل كۈنلەر (شېئىر)
ئايتۇغ
شېخىدىن ئۈزۈلگەن يوپۇرماق كەبى،
قۇچىقىڭغا سىڭگەن ئىدىم مەن.
تالاي-تالاي شىرىن كۈيۈڭگە،
ئاھ، خۇمارمەن، كۆنگەن ئىدىممەن.
پاك، غۇبارسىز، تىنچ قەلبىمگە،
ئۆزۈڭ بۈسۈپ كىرگەن ئىدىڭ سەن.
شىرىن-شىرىن كۆرگەن چۈش كەبى،
تاتلىق ھىسلار بەرگەن ئىدىڭ سەن.
دىلدا مەڭگۈ تاتلىق ئەسلىمە،
ئۇنتۇمايمەن، ئۇنتۇمايسەن ھەم.
سېنىڭ بىلەن ھايات بېغىدا،
مەڭگۈ خۇشال ئۆتكۈم بار ئەركەم.
2013.6.4
Yorumlar
Yorum Gönder