كۈز ئىلھامى (شېئىر)

— «كۈز ئىلھامى» جەمئىي سەككىز شېئىر بولۇپ، سېكىل شەكلىدە يېزىلغان. بۇ يەردە ئۇنىڭ تۆت پارچىسى تەرجىمە قىلىندى.— تەرجىمان.


دۇفۇ


1

چۈشتى شەبنەم ئۈنچە يەڭلىغ بولدى ئىرەنزار خازان،

قالدى ۋۇشەن چۆللىشىپ ۋۇشا بۇغازى گۆرسىمان.

بارىدۇ دەريادا دولقۇن خۇددى ئاسماننى ئۇيۇپ،

بىپايان چىگرا تەرەپتە يەرنى پۈركەپ چاڭ-تۇمان.

ئىككى رەت ئېچىلدى گۈللەر مېنى ئىككى يىغلىتىپ،

بارىمەن قېيىقتا يۇرتنى سېغىنىپ، دىلدا پىغان.

شەھرى بەيدىدا كىرچىلار بەك ئالدىراش،

ھەممە چەپدەس پىچىشار لەشكەرگە دەپ قىشلىق چاپان.

2

ياتىدۇ تاڭ نۇرىدا ئۇخلاپ تېنچ تاغلىق شەھەر،

باقىمەن راۋاقتا زۇمرەت تاغقا ھەركۈنن تاڭ سەھەر.

كېلىدۇ بېلىقچىلار دولقۇن ئارا تاڭدا يېنىپ،

يۈرۈشەر قارلىغاچ ئۇچۇپ قىلماي تېخى يۇرتقا سەپەر.

قاپتىكەنمىش داغدا كۇاڭخېڭ قىلىپ پەرماننى ئۇ،

دەرت چېكىپ ئارماندا ليۇشاڭ ئىستىكى قۇچماي زەپەر.

تولىسى ساۋاقدېشىمنىڭ كەتتى دۆلەتمەن بولۇپ،

سەمىرىپ ۋۇلىڭغا پاتماي كېرىلىپ ئاتتا يۈرەر.

3

ئاڭلىسام،چاڭئەندە تەخت ماجراسى چىققان ئەۋجىگە،

سالدى يۈز يىل قايغۇ-ھەسرەت بۇ جېدەل ئەل قەلبىگە.

ئالمىشىپ بەگلەر كىرىشتى ئوردىغا تالاي نۆۋەت،

تۇتقۇزۇپ قويغاچ قەلەمنى ھەم ئەلەمنى ئۆزگىگە.

كەپتىمىش شىمالى قۇرغاندىن ساداسى ناغرىنىڭ،

قىل يۈرۈش مەغرىبكە دەپ جارچى يۈرەرمىش ھەممىگە.

بۇندا كۈز كەلگەچ بېلىقلار كەتتى دەريادا جىمىپ،

مەن يۈرەرمەن ياد ئەيلەپ يۈرتنى ھىجران دەردىدە.

4

ئويلىسام، كۇڭمىڭ كۆلىنىڭ تۆھپىسى ۋۇدىغا تەن،

كۆرۈنەر لەپىلدىگەندەك ئاشۇ كۆلدە تۇغ-ئەلەم.

ئوت بېسىپ ياتقاندۇ نيۇلاڭ ۋە جژنۇي ھەيكىلى،

تاش لەھەڭمۇ كۈزدە ئايدىڭدا چېكىپ دەردۇ ئەلەم.

قاپقارا بۇلۇت كەبى لەش قوينىدا ياتقاندۇ لەش،

توزىتىپ گۈل بەرگىنى گۈلباغقا چۈشۈپ شەبنەم.

شۇ ئېگىز قۇرغان يولىدىن بىرلا ئۇچار قۇش ئۆتەر،

قرىسام بېلىقچى يۈرەر كۆلدە ھەم، دەريادا ھەم.


ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك