يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى (شېئىر)
ئايتۇغ
يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى،
كۆكلەپ چىقتى قايتىدىن ئازاپ.
دېرىزەڭنى چەككەندە ناخشام،
قالدىڭمىكىن خىرامان ئۇخلاپ.
يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى،
قالدى ئۈمىد چۆللەردە ۋايساپ.
سۆيگۈ ئاتلىق كىيىكلىرىمىز،
قالغانىدى قاچاندىن ئاقساپ؟.
يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى،
تامچىلاردىن كەلمىدى جاۋاپ.
گۈل بەرگىدەك يۇيۇلماي كۆڭۈل.
ئۆتەرمىزمۇ ۋىسالسىز قاخشاپ.
2011-7-25
Yorumlar
Yorum Gönder