كۈلىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار (شېئىر)

 

سائادەت ساتتار (ئايتۇغ)


چىغىر-چىغىر يوللارنى بويلاپ،

كىلىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار؟

ۋىلىق-ۋىلىق تاتلىق جىلمىيىپ،

كۈلىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار؟


ماڭا تالىق باغچەڭدىن گۈللەر،

تېرىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار؟

ئەقىدەمدىن دەستىلەر تىزىپ،

بېرىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار؟


يوللىرىڭغا زىلچا-پايانداز،

سېلىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار؟

كۆلكەم بىلەن مىسكىن كۆڭلۈڭنى،

ئېلىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار؟

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك