دىيەن جياڭچۈن (شېئىر)
لى چىڭجاۋ
چۈشتۈم گۈلەڭگۈچتىن ئامان،
ئۇۋۇلىدىم، ئەيۋەشكە كەلدى قول ئاران.
زەپىران گۈل بەرگىدە شەبنەم ئىزى،
تەر بىلەن ھۆل بولدى كۆڭلەك شۇ ھامان.
ناتونۇش بىرسى كېلىپ قالدى، نېتەي،
تارغىقىم يوق، ئايىغىم كەتتى قايان.
مىڭ خىجىللىقتا بۇرۇلدۇم يالت ئېتىپ،
گۈل ھىدىدىن يۈزلىرىمگە يۈردى قان.
ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder