شىئېر مىنى يىزىۋاتىدۇ (شېئىر)

 ئايتۇغ


مەن شىئېر يىزىۋاتىمەن

شىئېر مىنى يىزىۋاتىدۇ.

تۇيغۇنى قوغلىغان قەلەم

قەلەمنى ئورىغان تۇيغۇ

تۆت كوچا دوقمۇشىدا ئېزىۋاتىدۇ.

ئۈركىگەن كىيىكتەك چاچرىغان چىكىت

كۆك رەڭنى ئەگەشتۈرۈپ قېچىۋاتىدۇ

مىڭەمدە تەۋەللۇت بولغان بوۋاق كۈي

نەپەس يولۇمغا تۈرىۋاتىدۇ

ئاشقازاندىن باتنىغىنىچە

بىلەكلەرگە كۈچىۋاتىدۇ

جەينىمكىمدە توسۇلۇپ بىردەم

بېغىشىمدا يىغلاۋاتىدۇ

بەشيۈز گىرادۇسلۇق كۆزئەينەك

ياش ئاققۇزۇپ كۈلىۋاتىدۇ

يۈرەكنىڭ قانلىرى توسۇلغاچ ئۇزاق

رەھىمسىز قاتىلغا ئايلانغاچ بارماق

ھەرىپلەردىن تىزىلغان تارماق

كونتىرول تاختىدا ئۆلىۋاتىدۇ.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك