ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى

 يالقۇن روزى

​مەن ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە، يەنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تونۇش بوۋاي كۈندە دېگۈدەك ئۇچرايدۇ. ئۇ بوۋاينىڭ مەيلى قىش، مەيلى ياز بولسۇن، ھەر كۈنى شۇ يەردە ئاچچىق موخۇركىسىنى قاتتىق شورىغىنىچە، چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ھومىيىپ تۇرغىنى تۇرغان. بۇ بوۋاي بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان «مېنىڭ راۋابىم»، «كۈن ۋە تۈن»، «تاشۋاي» قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىلارنىڭ ئىجادچىسى، زامانىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر كومپوزىتورىمىز قۇربان ئىبراھىم. مەن بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ جايدا بۇ غەلىتە بوۋاي بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالدىم. بۇ بوۋاي ماڭا ئۆزىنىڭ «نەۋرەم» ناملىق مۇزىكىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بوۋاي گەپنى بوم ئاۋازدا قىسقا، قوپال ھەم تۈز قىلىدىكەن. مەن سۆز ئارىلىقىدا: «قۇربان ئاكا، كۈندە مۇشۇ يەردە تۇرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى تارتقان يەرلەرگە بېرىپ تۇرۇپ كەلسىڭىز بولمامدۇ؟» دېدىم. بۇ بوۋاي ئادىتى بويىچە قوپال جاۋاب بېرىپ: «ۋاي ئۇكام، بۇ گۇيلار مېنىڭ مۇزىكامنى ئاپارمىغان يېرى قالمىدى، ئەمما مېنى ئولانبايدىكى ساناتورىيەگىمۇ ئاپىرىپ بىرەر ئاي دەم ئالدۇرۇپ قويمىدى ئەمەسمۇ!؟» دېدى.

​شۇ كۈندىن بېرى، مېنى بىزنىڭ ئىجادىيەت بىلەن ئىجادكارغا تۇتقان مۇئامىلىمىزدىكى ئاسمان-زېمىن پەرق كۆپ ئويلاندۇردى. بىزدە كۆپ ھاللاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجادكارنىڭ قىسمىتى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالىدىكەن. روشەنكى، بۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان، غەزەپلەندۈرىدىغان ھادىسە! نېمە ئۈچۈن بۇنداق غەلىتە ھادىسە بىزدە شۇنچە كۆپ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددىي: چۈنكى بىز نادان مىللەت!

​كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادان مىللەت! دۇنيادا بۇ جەھەتتە بىزنى بېسىپ چۈشىدىغان مىللەت يوق. بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئېتىراپ قىلمىساق، پاكىت بىزنى قەدەمدە بىر مات قىلىدۇ. قاراڭ، فىرانسىيەلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس، تارىخچى گروسسې 1930-يىللىرى يازغان «يايلاق ئىمپېرىيىلىرى» ناملىق كىتابىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنى مەدەنىيەت دەۋرىگە باشلاپ كىرگەن»، «ئۇيغۇرلار باشقا تۈرك-موڭغۇل خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ، چىڭگىزخان دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئۇلار يەنە تەربىيىلىگۈچىلەردىن ئىدى» دەپ يازغان. ئەپسۇسكى، بىز ئۇيغۇرلار دەل شۇ 30-يىللىرى «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەت بايرىقى ئاستىدا ئاقارتىش ئىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق. ئوتتۇرا ئەسىردە باشقىلارغا مەدەنىيەت ئۇستازى بولغان بۇ مىللەت بۇ كۈنگە كەلگەندە «ئۇيغۇر» دېگەن نامىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە.

​1960-يىللىرى ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى دېنىس سىنور «ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ، ئۇيغۇرلارنى: «قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇلار مەركىزىي ياۋروپا-ئاسىيادا ئوتتۇرا ئەسىردە بولۇپ باقمىغان تۇرمۇش سەۋىيەسىدىن بەھرىمەن بولغان»، «تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر ئىچىدە ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلار يەتكەن مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يېتىپ باقمىغان» دەپ يازغان بولسا، شۇ 60-يىللاردا بىز ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى، ئەقلى، ئېتىقادى، غۇرۇرى بار بارلىق ئەزىمەتلىرىنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ، بولۇشىغا دۇمبالاپ، ئىت-ئېشەكتىن بەتتەر خار قىلىپ، پروستاتارىياتنىڭ پولات مۇشتۇمىنىڭ تەمىنى تېتىتىۋاتاتتى…!

​ھايات سىرلىرىنى بىلىدىغان بارلىق مۇتەپەككۇرلار خۇددى پۈتۈشۈۋالغاندەك: «ئىنسان ئۈچۈن نادانلىقتىن، بىلىمسىزلىكتىن چوڭ ئاپەت بولمايدۇ» دەپ ئېيتىشقان. بىزنىڭ بۇ تەپسە تەۋرىمەيدىغان ئەبگا مىللىتىمىز ھەممە خەق ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تۇشمۇتۇشتىن ئىزدەنگەن ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان بۇ 20-ئەسىردە نادانلىقتىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز ئاپەتنىڭ قارا پاتقىقىغا گەدىنىگىچە پاتقان ھالدا ياشاپ كەلدى ۋە ھېلىمۇ ياشاۋاتىدۇ. نادان مىللەت نېمە ئىش قىلىدۇ؟ نادان مىللەت جاھاندىكى ئەڭ ئەخمىقانە، ئەڭ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. كېچە-كۈندۈز خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئەزىمەت ئوغۇللىرىنى خارلاپ، ئازابلاپ، تىللاپ سېسىتىپ، ئىككىيۈزلىمىچى، مەككار ئادەملەرنى ئۇلۇغلاپ، ئەزىزلەپ مازار غوجام قىلىۋالىدۇ. ھەقىقەتنى ئۆلچەيدىغان تارازىسىنىڭ خاتالىقىدىن گۇمانلىنىپ باقمايدۇ. ھەممە نەرسىگە ئاڭلىۋالغىنى بويىچە ياكى شەخسىي مۇددىئاسى بويىچە قارىسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، توغرا، ئادىل باھا بېرىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ. سىيىت نوچىدەك ئەخمەق، مۇناپىقسىمان ئادەملەرنى يۈز يىللاپ سېغىنىپ، ئۇلۇغلاپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىپ ماختىشىدۇ، «مىللىي قەھرىمان» دەپ تەرىپلىشىدۇ. سىيىت نوچى ھاياتىدا خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنگەن زالىملاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ بىرەر ئىش تەۋرەتكەنمۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدۇ؟ ئەجەبا ئۇ ئۈچتۇرپان ھاكىمىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈچتۇرپان خەلقىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان بىر زالىمنىڭ يېنىدا دوست بولۇپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدىغۇ؟ شۇنىڭغا راۋاب چېلىپ بېرىپ، شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتىغۇ؟ «قەشقەر دوتىيىگە ئاپارساڭ ساڭا ئەمەل بېرىدۇ» دېسە، ئەمەل تاماسىدا مەس بولۇپ، ئۆلۈم خېتىنى كۆتۈرۈپ كەلدىغۇ؟ قەشقەر دوتىيى ئۇنى ئەخمەق قىلىپ: «سېنى ئۆلتۈرەي دېسەم قولۇم بارمايدۇ، ئۆلتۈرمەي دېسەم خاننىڭ ئۆلۈمگە بۇيرىغان خېتىنى ئېلىپ كەپسەن» دەپ ئالدىسا، «خاننىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالما، ئىككىلەنمەي مېنى ئۆلتۈرگىن» دەپ، ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ئۆلۈمىگە قۇللارچە رازىمەنلىك بىلدۈردىغۇ؟ ياق، «مېنىڭ گۇناھىم يوق، مېنىڭ خۇدا بەرگەن ياشاش ھوقۇقۇم بار، مەن سېنىڭ خالىساڭ ئۆلتۈرىدىغان، خالىساڭ ياشىتىدىغان كۈچۈكۈڭ ئەمەس» دەپ ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرۈپ چۇقان سالمىدىغۇ؟ مۇشۇمۇ بىزنىڭ مىللىي قەھرىمانىمىز؟! تىللاردا داستان قىلىدىغان نوچىمىز؟! بۇ ئەڭ سادىق قۇل، ئەڭ ئىتائەتمەن مۇناپىقمۇ ياكى ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان نوچىمۇ؟! بىز مۇشۇنداق بىر ئادەمنى ئالىي مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىگە «مىللىي قەھرىمان» دەپ كىرگۈزۈپ، ھازىرمۇ تېخى كاپشىپ ئۆتۈۋاتىمىز. رادىيو-تېلېۋىزورلاردا ئۇنىڭ شەنىگە ناخشا-قوشاق توقۇۋاتىمىز…

​ھەي… بىزنىڭ نادانلىقىمىز، ئەقىلسىزلىكىمىز، بىلىمسىزلىكىمىزدىن ئابدۇقادىر داموللام بىلەن مەمتىلى تەۋپىقتەك ئۇلۇغ مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كىتاب قىلىپ نەشر قىلىشنى ئويلاشمىدۇق، ئەمما تېيىپچان ئېلىيوفنىڭ خەت-چەكلىرىنىمۇ تېرىپ-تۆشەپ كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇق. بىر پارچىمۇ شېئىرى خەقنىڭ ئېسىدە يوق ئەلقەم ئەختەمدەك قۇرۇق قەسىدىچى شائىرلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ تون كىيدۈردۇق، ئەمما نىزامىدىن ھۈسەيىندەك ئىمانى ئەركەك قەلەمكەشلىرىمىزنى توپا بېسىپ قېلىۋاتسا پىسەنت قىلمىدۇق. ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى ئەدەبىياتتىن زېرىكتۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، سولچىل ئەدەبىياتنىڭ بايراقدارى بولمىش قېيۇم تۇردىدەك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ «قىزىل تاغ چىراغلىرى» دېگەن كىتابىنى قايتا نەشر قىلىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كاسىلداپ چۈشەندۈرۈپ قايتا نەشر قىلدۇق، ئەمما ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئۇلۇغ ئالىم «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» دەپ كىتاب يېزىپ بەرسە، «تىراژ تاپ» دەپ مەكتەپمۇمەكتەپ سوكۇلداتتۇق. «بېرىۋاتقان باھايىمىز مۇۋاپىقمۇ-ئەمەسمۇ؟» دەپ ئويلانماستىن، ساقىلىنىڭ ئاقلىقىغا قاراپلا، «فۇزۇلىي ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى» دېگەن تونۇشتۇرۇش ماقالىسىدىن باشقا بىر پارچىمۇ ئىلمىي ئەسىرى يوق شۈكۈر يالقۇننى «بۇلاق» ژۇرنىلىدا «كامالەتكە يەتكەن ئەدىب»، «ئەدەبىيات پىشۋاسى» دەپ ھاماقەتلەرچە ماختىدۇق. ئىلىمگە ئىلىمچە، ئادەمگە ئادەمچە مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىغان ژۇرنالىستلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇ قىلمىشلىرىدىن نومۇس قىلماي ماختىنىشى تۇرغان گەپ…

​ئويلاپ باقساق، ساناپ كەلسەك بىزدە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجادكارنىڭ قىسمىتىنىڭ تەتۈرلۈكىگە ئائىت مىساللار ساماندەك. بەلكىم مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك مىسال بولۇشى مۇمكىن. ئۇ شائىرلىرىمىز ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بىزگە مەخسۇس رۇبائىيلار توپلىمىنى تەقدىم قىلسا، بىز ھەسەت قىلىپ، رەزىللىك بىلەن: «ياخشى رۇبائىيدىن ئادەم ئۆمرىدە پەقەت بىرنەچچىنىلا يازالايدۇ» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ كەم سۇندۇردۇق. «قاتلام نەزەرىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويسا، ئىلمىي رەددىيە بېرەلمەستىن، بۇ نەزەرىيەنى چەتئەللىكلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان، دەپ گەپ تارقاتتۇق. تارىخ، پەلسەپە، ئېستېتىكا تەتقىقاتى ۋە شېئىر-نەسر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ توم-توم كىتابلارنى يېزىپ بەرسە، خۇشال بولۇشنىڭ ئورنىغا: «بۇ ئادەم ھەممە ساھەگە ئېسىلىۋالماي بىرلا ئىشنى قىلسا بولاتتى» دەپ ئەخمەقلەرچە ئەقىل كۆرسەتتۇق. ئويۇن-تاماشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مىللەت ئۈچۈن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا: «ئادەم بولغاندىن كېيىن توي-تۆكۈنلەرگە بارمىسا بولامدۇ؟» دەپ ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۆزىمىزنىڭ كۈنىنى ھارام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىماي، ھاماقەتلەرنى كۈشكۈرتۈپ، ئۇنى ئالدى-كەينىدىن ھاقارەتلىگۈزدۇق. ئۆزىمىزنىڭ بىرەر نەشرىيات ياكى گېزىت-ژۇرنالدا تېگىپ قالغان چۆمۈچنىڭ سېپىچىلىك ھوقۇقىمىزنى ئۇنىڭ ئالىملىقىدىن ئالىي بىلىپ، بىزگە يېلىنمىغىچە ئەسەرلىرىنى يېقىن يولاتمىدۇق. ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، كېچە-كۈندۈز پۇچىلىنىدىغان ئەۋلىيا-ئەزەملەرنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، شۇلارنىڭ نەزىرىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن، بۇ ئالىمنى قاغىدەك چوقۇدۇق. جەمئىيەتتە بىرەر يامان گەپ-سۆز تارقالسا، دەرھال ئۇنى شۇ ئىشنىڭ ئېگىسى قىلدۇق. ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدۇق. ئۇ ئوغلىنى ئۆيلىمەك بولۇپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ باغاق تارقاتسا، بىز ئارقىدىن ئۆيمۇئۆي كىرىپ: «ئۇنىڭ تويىغا بارماڭلار» دەپ گەپ تارقاتتۇق. قان تۈكۈرۈپ قىينىلىپ ئەسەر يېزىپ مەتبۇئاتلارغا نەچچە ئون قېتىملاپ قاتراپ كىتاب چىقىرىپ، ئازغىنا قەلەم ھەققىگە ئېرىشسە: «شۇنچە قەلەم ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ بىرەر ئادەمنى چاقىرىپ مېھمان قىلايمۇ دېمەيدۇ» دەپ ھارام تامادا كۆپۈپ ئۇنى تىللىدۇق. ئۇ يازغان ئىلمىي ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلەشسەكمۇ يازالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنى سۆكتۇق. «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى» دەپ ماقالە يېزىپ، بىزگە خانىقا ئىچىدە ساخاۋەتچى بولۇۋېلىپ، مۇرىت توپلاپ ئىلىم ساھەسىگە نومۇس كەلتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئالىملىرىمىزغا باش بولۇۋالغان بىر ئىلىم زومىگىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇتۇپ بەرسە، «ئاپىرىن» ئېيتماستىن: «بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلسا بولاتتى» دەپ ھەقنى سۆزلىگەن ئادەمنى ئەيىبلىدۇق. قارىغاندا، ھەقىقەت بۇ مىللەتنىڭ زەئىپلەشكەن تېنىگە رېئاكسىيە بېرىدىغان ئوخشايدۇ. مۇناپىقنى ئەڭگۈشتەر بىلىپ ياشاپ ئادەتلىنىپ قالغان بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىزنى ھەر كويلارغا سالىدىغان ئوخشايدۇ.

​ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئالىمدا ھەقىقەتنى تونۇيدىغان ئۆتكۈر كۆز، ئاقىل بىلەن ناداننى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان دىت بار ئىدى. شۇڭا ئۇ: «مىڭ توخۇنىڭ تاقلىشى سۇمرۇغ كەبى پەرۋاز ئەمەس، چۇرقىراپ سايراشلىرى بۇلبۇل كەبى ئاۋاز ئەمەس» دەپ غەزەل يېزىپ، قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىزگە مېيىقىدا كۈلۈپ قوياتتى. بۇ بەختسىز، ئەمما ئۇلۇغ ئالىم ئاخىرى ئارىمىزدىن كەتتى. نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ھەسەت ئوتىدا كۆيدۈرگەن، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئېسىل ئەمگەكلىرى بىلەن كۈلدۈرگەن بۇ ئالىم تۇيۇقسىزلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. خۇددى بىر قېتىم ماڭا: «ئۆلۈم دېگەن ئۇ شۇنداق نېمە، ئەزرائىل كېلىدۇ ”ئاپتوبۇسقا چىق“ دېگەندەك قىلىپلا ئېلىپ كېتىدۇ» دېگىنىدەك غىپپىدە كېتىپ قالدى. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەزرائىل ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ «ئاپتوبۇس»قا تارتىپ چىققىچە، بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى «ئاپتوبۇس»قا ئىتتەردۇق… دەسسىگەن يېرىنى چوغ قىلىپ، يېگەن ئېشىنى زەھەر قىلىپ، كۆرگەن كۈنىنى ھارام قىلىپ، تۇغۇلغىنىغا جاق تويغۇزۇپ ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتۇق.

​بىر تەڭدىشى يوق ئالىمىمىز ئۆلۈپ كەتسە بىز نېمە ئىش بىلدۇق؟ ھەر بايرام كەلسە يۈزلەپ شېئىر يازىدىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىمۇ مەرسىيە يازمىدىغۇ؟ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنى سېغىن كالىنى ساغقاندەك سېغىپ سەمىرگەن تەتقىقاتچىلىرىمىز بىرەر ئەسلىمە يازمىدىغۇ؟ قىچىشقاقنىڭ دورىسىنى يىللاپ ئېلان قىلىپ ھارمايدىغان رادىيو-تېلېۋىزورلىرىمىز بىرەر پارچىمۇ خەۋەر بەرمىدىغۇ؟ بىر ئادەمنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتسە ئالقانچىلىك يەرگە ئېلان بېرىدىغان «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» بارماقچىلىك يەرگە كاۋاك چالمىسى قاتارىدا كىچىككىنە بىر خەۋەر بېرىپ قويدىغۇ؟ ئەجەبا بىزدە ئالىم شۇنچە كۆپمۇ؟ ئەتىۋارى يوقمۇ؟ بىر نازىر ئۆلۈپ كەتسە «ئورنىغا مەن بار» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ چىقىدىغان ئادەمدىن كۈرمىڭى چىقىدۇ؛ قېنى، «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئالىملىق ئورنىغا مەن تەييار» دەپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىرەر ئەزىمەت بارمۇ؟ شۇ ھالىمىزغا ئاشۇ ئۇلۇغ ئالىمنى نېمانچە ھاقارەتلىگەندۇق؟ نېمانچە ئازابلىغاندۇق؟ بىزدەك ئەزىزلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئادىمىنى خارلايدىغان نادان خەلق باشقا جايلاردىن تېپىلمىسا كېرەك.

​شۇ ھېكمەت، شۇ سىر ئېسىمىزدە بولسۇنكى: ئەيسا كىرىستقا مىخلانغاندا، مەنسۇر ھەللاجى، شاھ مەشرەپلەر دارغا ئېسىلغاندا، ئابدۇقادىر داموللام، تەۋپىق ئەپەندىلەر قان ئىچىگە غەرق بولغاندا ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەختسىز ئۆلۈمىدىن ئۆكۈنۈپ پۇشايمان قىلغان ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمىگەن خەلقنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىپ ھەسرەت چەككەن…

​پەلەك بىزنىمۇ ئەقىلنىڭ بۇرچىدا ياشىتىپ باقار. ئاق-قارىنى پەرق ئېتىشنى ئۆگىنىۋالارمىز. بۇ بەختسىز ئالىمىمىزنىڭ ئۆلۈمى ئۆزىگە خاس ئۇلۇغ مەنا بىلەن بىزنى ئەقىلگە ئۈندەيدىغان، نادانلىقتىن ئويغىتىدىغان، قېرىنداشلارچە ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان خاسىيەتلىك كولدۇرما بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس!

​مەنبە: «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، 1995-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك