ئايدىڭدا تەنھا مەي ئىچىش (شېئىر)
لى بەي
تۇرىمەن كوزام بىلەن گۈلگە قاراپ
ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراب
ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي
ياندا سايەم قالمىدىم يالغۇزسىراپ
ۋەلىكىن ئاينىڭ لىۋى مەيدىن نېرى
قويمىدى سايەممۇ ھالىمنى سوراپ
ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن
ئۆتكىدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خراب
ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي
چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ
ساق ۋاقىتتا سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن
مەس بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ
بەخت ئۈچۈن ئاسمانغا چىقسام بولغۇدەك
تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئازاب
ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder