سەرسان (شېئىر)
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
زېرىككەن چۈمۈلە بارار قەيەرگە،
ئېيتار نە ناخشىنى زېرىككەن چىۋىن؟
مۇھەببەت توخىماي چېكەر ئىشىكنى،
يوق ئۆينىڭ ئىچىدە ھېچكىشى لېكىن
بىر- بىرىنى تونۇماس سايدىكى تاشلار،
مەن ھەم بۇ يەردە بىر تاش يوچۇن تاش.
ناخشا ئېيتىمەن چۈنكى مەن ئاچ
ئۇسسۇل ئوينايمەن چۈنكى يالىڭاچ...
قەيەرگە بارىمەن، ئۆيۈمدىن چىقتىم،
ھەممە دىل قۇلۇپلانغان، ئاچقۇچ يوقالغان.
يەر مېنى توختىماي ئاسىدۇ دارغا
كىرپىكىم كەينىدىن كەلگىچە كارۋان.
2005- يىل. سېنتەبىر. گۇما
Yorumlar
Yorum Gönder