قويۇۋېتىپ ياشاپ باققىن مەيلىڭنى (شېئىر)
سائادەت ساتتار (ئايتۇغ)
ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزاتنىڭ ‹‹ئۈگىنەي،بەس، سەنسىز ياشاشنى››غا يانداشما.
يۇلتۇزلارغا ئېيتىپ يۈرمە ئەرزىڭنى،
مەندىن ئۆزگە تىڭشىمايدۇ دەردىڭنى،
ئۇنتۇغانلا بولساڭ مەيلى ئەھدىڭنى،
ھەمراھ قىلىپ ئاشۇ جايىل پەيلىڭنى،
قويۇۋېتىپ ياشاپ باققىن مەيلىڭنى،
كۆرگۈم يوقتۇر ئەمدى سۇلغۇن ئەپتىڭنى.
باغقا كىرسەڭ گۈللەر مىنى سورايدۇ،
يالغۇز دەرەخ دەردلىك بېقىپ قارايدۇ،
ئەتراپىڭنى مىڭلاپ سۇئال ئورايدۇ،
كۆزۈڭ ھامان مىنى ئىزدەپ مارايدۇ،
قويۇۋېتىپ ياشاپ باققىن مەيلىڭنى،
كۆرگۈم يوقتۇر ئەمدى سۇلغۇن ئەپتىڭنى.
شامال ساڭا سىرلىرىنى بەرمەيدۇ،
گۈللەر ئەمدى قاناتىنى كەرمەيدۇ،
مەندىن ئۆزگە بېغىڭغا گۈل تەرمەيدۇ،
پىنھانىڭغا ئۆزگە يېقىن كەلمەيدۇ،
قويۇۋېتىپ ياشاپ باققىن مەيلىڭنى،
كۆرگۈم يوقتۇر ئەمدى سۇلغۇن ئەپتىڭنى.
بۇلاقلاردىن ئىزدەپ يۈرمە سائادەت،
تاش جىسمىدا مەۋھۇم بىلسەڭ جاسارەت،
ھەسرىتىڭدىن بەرمە ھەرگىز بىشارەت،
كەچمىشلەرگە دەپنىلەنگەن ھارارەت،
قويۇۋېتىپ ياشاپ باققىن مەيلىڭنى،
كۆرگۈم يوقتۇر ئەمدى سۇلغۇن ئەپتىڭنى.
پىنھانلاردا تۆكۈپ يۈرمە يېشىڭنى،
ياۋلار تامان ئاتما تەنھا تېشىڭنى،
قىسمەتلەرگە ئىگىپ يۈرمە بېشىڭنى،
تۈرمە ھەرگىز قۇشۇماڭنى-قېشىڭنى،
قويۇۋېتىپ ياشاپ باققىن مەيلىڭنى،
كۆرگۈم يوقتۇر ئەمدى سۇلغۇن ئەپتىڭنى.
Yorumlar
Yorum Gönder