سەرگەردانلىق (شېئىر)
ئىمىن ئەھمىدى
ھەسرىتىم سەرگەردان بولسا مەيلىتى،
كېتەر ئىدى يىراقلارغا ئېلىپ باش.
بەختىمنىڭ سەرگەردانلىقى يامان بولدى،
يالغۇز قىلىپ مېنى كۆزلىرىمدە ياش.
دەريا سەرگەردان بولسا مەيلىتى،
دېڭىزغا ئاقاتتى يا سىڭەتتى چۆلگە.
قىرغاقلىرىنىڭ سەرگەردانلىقى يامان بولدى،
غەشلىك بېرىپ سۇنغان كۆڭۈلگە.
دادام سەرگەردان بولسا مەيلىتى،
بىلىكىگە تايىنىپ باقاتتى جان.
ئانامنىڭ سەرگەردانلىقى يامان بولدى
بالىلىرىدىن تىلەپ يەيدۇ نان.
ئۆزۈم سەرگەردان بولسام مەيلى ئىدى،
بىلدۈرەتتىم كىملىكىمنى تىلىم بىلەن.
تىلىمنىڭ سەرگەردانلىقى يامان بولدى،
مۇڭدىشالماي يۈرىمەن دىلىم بىلەن.
Yorumlar
Yorum Gönder