كالا قىسمىتى (شېئىر)
ئايتۇغ
يېزىدىكى توپىلىق يولدا،
يەلكىسىدە ئىرغىنار ھارۋا.
نىمىلەرگە كۆز ئالايتقانچە،
كىتىپ بارار ئېرىنچەك كالا.
سۆرىمەسلىككە يوقتۇر ئىلاجى،
پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تۇرسا،
ئۆزگەرمەيدۇ تۇياق رىتىمى...
مەيلى ئىگىسى قانچىلىك ئۇرسا.
ماڭار شۇنداق،كۈن چىقىپ تا پېتىپ كەتكۈچە،
كۈشەندىسى ھەم نىجاتچىسى:-خوجايىن،
مەنزىلىگە رەت-رەت يەتكۈچە.
ھىچ ئاراملىق تاپالمىدى ئۇ ،
ھىچ ياراملىق ئاتالمىدى ئۇ،
ياكى ئىگىسىنىڭ كۆزىچە بىر-رەت،
باشقا ھارۋىدىن ئاشالمىدى ئۇ.
قاڭتۇرۇلار كەچتە تۆۋرۈككە،
ئۆزى كۈتكەن ئىسسىق قوتاندا،
بىرەر نۆۋەت ياتالمىدى ئۇ.
-گۇناھىمدۇر بەلكىم ئۆزۈمنىڭ،
دەپ غۇدۇراپ قىلار خۇلاسە،
-كالا بولۇپ تۇغۇلغانلىقىم.
دادام يالاپ ئۆتكەن يۈگەنگە،
ۋارىس بولۇپ تۇتۇلغانلىقىم.
چالا قالغان يوللىرى ئۈچۈن،
بۇ قەرزلەرگە بۇغۇلغانلىقىم.
خەير...!نىمە قىلالاي ئۆزگە؟!
ھارۋا تارتىش خاس تۇرسا بىزگە،
سۆرىگەنچە دات باسقان چاققا....
ئەندىكىمەن قاراپ بەزىدە ،
چۆرگىلەيدۇ ئۇ بەلكىم يەنە،
نەۋرىلەرنىڭ مۇڭلۇق كۆزىدە.
Yorumlar
Yorum Gönder