يى جىەنمېي (شېئىر)

لى چىڭجاۋ


نېلوپەر سۇلدى كېلىپ كۈز، ھالى بامبۇكنىڭ يامان،

شايى كوپتامنى قويۇپ بىر يانغا مەن،

بىر ئۆزۈم ماڭدىم ياغاچ قۇلۋاق تامان.

يازدى كىم يۈنجۇڭ تەرەپتىن خەت ماڭا؟

ھېچ گېپى يوق، تورنىمۇ قايتتى مانا،

ئاي راۋاقتا قالدى يالغۇز بىر زامان.

سۇ ئېقىپ كەتتى، چېچەكلەر چۈشتى شاختىن بىرمۇ بىر،

ئىككى جايدا خۇرسىنىش، ھېجران غېمى.

بۇ دەقىق ئوخشاش كۆڭۈلگە جەم ھامان.

بۇ مالامەتنى تۈگەتمەككە ئەزەلدىن چارە يوق،

گەر چىرايىڭدىن يوقاتساڭ ئۇنى سەن،

يۈرىكىڭدە تاڭ ۋە كەچ باردۇر ئامان.


ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك