قولىنى كۆتۈردى كوچا تاختىسى (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد


قولىنى كۆتۈردى كوچا تاختىسى

توختىدى غىڭشىشتىن ئىتنىڭ ناخشىسى.

توختىدى شېئىرلار خۇشال ئۆلۈشتىن

زېرىكتىم توختىماي يالغان كۈلۈشتىن

مەن كېتەي قايغۇلۇق ئورمانغا قاراپ

خۇشاللىق يۈزۈمگە تارتىلغان نىقاب

يىرتىلسۇن، بىر قېتىم بولاي يالىڭاچ...

شەھەرنى قۇل قىلدى پۇل بىلەن ئايال

شېئىرنى گۈل قىلدى چۆل بىلەن شامال.

ئاتلارنىڭ يايلىنى تارىغان قوللار

قىزلارنىڭ چېچىدا تىترىدى غال- غال.

چېقىلىپ باقمىغان ئەينەك قالمىدى

ماشىنا گۈللەرنى ئۆتتى باستۇرۇپ.

كىتابلار بىر دۆۋە چىرىگەن سۆڭەك،

بالىلار مۈكچەيدى قىرىماي تۇرۇپ.  

ياندى كىكەچلەپ قىزىل چىراغلار

توختىدى قاناشتىن بىر ئىسسىق يۈرەك.

ئاياللار يۇلتۇزلۇق كېچىدۇر ئەسلى،

ئەرلەرنىڭ ئەزەلدىن پادىشاھسى يوق.

سەن ئۈچۈن دەرد چېكىپ جېنىم قارا كۆز

بوپكەتتىم ئالەمدە ئەڭ مەشھۇر بەڭگى.

ياتساڭمۇ نازلىنىپ جانۇ- تېنىمدە

بېشىڭنى سىلاشقا قولۇم يەتمىدى.

كۆزۈڭنى ئاچقىنا، مەن ئۆلۈپ كېتەي

ئۆلگىچە مەن سېنى بىر كۆرۈپ كېتەي.

قەلەندەر ئۆيۈمدىن قايتتى قۇرۇق قول

خاقانلار بوسۇغام ئالدىدا جۇل- جۇل.

ئىچىلدى قان ئىچرە قىپقىزىل گۈللەر

يىغلايدۇ قان ئىچرە بىر گاچا بۇلبۇل.

كۆزۈڭنى ئاچقىنا، بىر كۆرۈپ كېتەي

خۇدانىڭ ئالدىغا مەن كۈلۈپ كېتەي...

                           2006- يىل1- ئىيۇل. گۇما

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك