زۇلەيخا (شېئىر)

13–ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك تاتار شائىرى قولغەلىينىڭ«يۈسۈف كىتابى»ناملىق ئەسىرىدىكى ‹‹زۇلەيخا›› قىسسىسى


زۇلەيخا


ئوقۇرمەنگە ئايان بەلكىم ئۇزۇنلاردىن ،

ياش يۈسۈفنىڭ كۆرگەن ئاشۇ خەير چۈشى .

نادامەت– ھەسرەت بىلەن ئۆتكەن شۇڭا  ،

ئۇنىڭ ئەينى زاماندىكى جۇت-كەچمىشى .


تەڭرىدىن شەپقەت بىرلە ۋەھھى كىلىپ،

پەرىشتەلەر دەرھال ئاڭا يەتكۈزۈشتى.

‹ ھەي ، يۈسۈف بۇجاپالار رىيازىنى ،–

بىلگەيسەن ئەمدى قانداق كەتكۈزۈشنى .


كىشىگە شەپقەت قىلىشتىن تارتمىغىن باش ،

يىتىم-مىسكىن، مۇساپىرنى چەتكە قاقما .

مىھرىبان بول ئاتاڭ كەبى ئىنسانلارغا،

سەۋەنىچۈن مەھبۇسلارنى دارغا ئاسما .


تارتقان شۇ رىيازىتىڭ تۈگەر ئەمدى ،

ھۆرمەتنى ساڭا چەكسىز تەڭرىم بەردى .

چەكلەنگەن شۇ ئىشلاردىن پەخەس بولغىن!

قىلىسەن پادىشاھلىق› ،– دېدى ئەمدى


     جاپالار تۈگەپ ئاخىر، بەخت كەلدى،

مىسىرغا شاھ يۈسۈپنىڭ ئىزى يەتتى.

تەڭرى بەرگەن بۇ دۆلەتتىن ساپ كۆڭلىگە ،

يۈسۈف ھەردەم شاپائەتنى مىزان ئەتتى .


زۇلەيخادىن ئەمدى قىسسە ئاڭلايسىزلەر،

ئۇ يۈسۈفنى كېچە-كۈندۈز ئەسلەپ ئۆتەر ،

قېرىدى ،لېكىن بۇنى يۈسۈف بىلمەس ،

زۇلەيخا ئۇ ئاش ئورنىغا زۇقۇم يۈتەر .


تۇراتتى ئۇ يۈسۈف ئۆتەر يولدا ھامان ،

ئۆمرۈم ئۇنى كۈتۈشكىلا ئاتالغان دەپ ،

شۇ يولدا كىچە–كۈندۈز يۈرەتتى ئۇ ،

تاماق-كىيىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە گەپ.


مۆرىتى ھەر يېڭى ئاي تۇغقان چاغدا ،

ئات كىشىنەپ ، ئەسكەرلەر ئۆتكەن چاغدا ،

زۇلەيخا يولدا پەرياد چېكەر شۇنداق،

سەيلىگە  يۈسۈف ئاتلىق چىققان چاغدا ،


ھالىنى زۇلەيخانىڭ  يۈسۈف بىلمەس ،

يېنىغا چۈنكى ئۇنىڭ يېقىن كەلمەس ،

ھەيۋەتلىك داقا – دۇمباق تاۋۇشىدا،

زۇلەيخانىڭ ئاھۇ-زارى ئاڭا يەتمەس.


زۇلەيخا ھەسرەتلىنىپ قايتىپ كېتەر ،

كۈيدۈرەر ئاشىق ئوتى ، ئۇنى ئۆرتەر ،

ھىچقاچان ئۈمىدىنى ئۈزمەس ئەمما،

ۋىسالنى شۇ ھالدىمۇ ئارمان ئېتەر ،


زۇلەيخا ئۇزۇن ۋاقىت شۇنداق يۈردى .

ئاجىزلاپ بىر مەھبۇسقا ئۆزگەردى ئۇ .

چوقۇنغان مەبۇدلەردىن ئۆرىدى يۈز :

" ھالىمغا يەتمىدىڭلار ! "–  ھۈرپەيدى ئۇ.


مەن ئەزىز ، غېرىپ بولدۇم ھەم تۇل قالدىم ،

يۈسۈفنىڭ ئىشقى بىلەن خار –قۈل بولدۇم .

كەلمەسكەن سەندىن ياردەم ، بىلدىم ئەمدى،

دەردىمنى ساڭا ھامان ئېيتىپ تۇردۇم ،


مىسىردا كائىن خانىش بولغانىدىم ،

ھەممىگە ھۆكۇمرانلىق قىلغانىدىم ،

ھىچقاچان سەندىن بەھرە كۆرمىدىمغۇ؟،

تەڭرىم دەپ سېنى شۇندا بىلگەنىدىم ،


زۇلەيخا مانا شۇنداق گۇمانلاندى ،

يۈز ئۆرۈپ مەبۇدلەردىن مۆمىن بولدى .

مەبۇتلارنى چاقتى كۆكۈم-تالقان قىلىپ ،

بارار جايى-ئەخلەتلىككە سۈرگۈن بولدى. .


سەيلىگە يۈسۈف چىققان  بىر كۈنلىرى،

يېڭىدىن چىرايلىق ئاي تۇققان ئىدى.

ئۇل زۇلەيخا يول بويىدا پەرياد ئۇرۇپ :

–       ھەي يۈسۈف ،ماڭا بىرەرت كۆز سال ! –دېدى .


ئىلاھىم زۇلەيخاغا ياردەم بېرىپ ،

( ئاۋازىنى يۈسۈف تامان يەتكۈزدىلەر . )

شۇ چاغدا زۇلەيخانى يۈسۈف كۆردى ،

قارىغۇ بىر موماي ئۇ دەرت تۆكۈلەر .


ئېتىنىڭ يۈسۈف شۇ چاغ بېشىن تارتتى ،

ھال سوراپ، يېقىن كېلىپ  ئاڭا ئېيتتى :

-سەن كىمسەن، مەندە قانداق ھاجىتىڭ بار؟

ئېيت قېنى، ساڭا قانداق ئازاپ يەتتى؟


زۇلەيخا دېدى : جاھان شاھى ، ئاڭلاڭ ،

مەن زەئىپ ، كۆزلىرىممۇ كۆرمەس ھامان ،

مەرھۇم مىسىر ئەزىزى خوتۇنىمەن

مانا ئەمدى ھالىم شۇ، ئوبدان قاراڭ .


شۇ ئايال مەن ،شۇ سېنى سېتىپ ئالغان ،

بىر سېنىڭ ئىشقىڭغا ھەيران قالغان ،

سەن ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلغان،

بۈگۈن سەن بۇ ھالىمنى بىلىپ قويغىن.


قولۇمدىن كەتتى جىمى بايلىق نېمەت ،

سورۇلۇپ كەتتى توزۇپ مال ھەم دۆلەت .

لېكىن ھىچ بېسىلمىدى ئىشقىي ھەسرەت ،

يالقۇنلۇق شۇ ئىشقى ئوتۇمنى بېسىپ قويغىن .


ئىشەندىم مەنمۇ ھەقنىڭ بىرلىكىگە ،

ئىشەندىم ھەم پەيغەمبەرلىكىڭگە ،

قالمىدى ھىچبىر شېكىم مۆمىنلەرگە ،

مۆمىن بولدۇم ،– قوللىرىڭنى بېرىپ قويغىن .


يۈسۈفنىڭ زۇلەيخاغا ئاغرىپ ئىچى ،

ئىشقىغا ئۇنىڭ ھەستە ھەيران قالدى ،

گېپىگە زۇلەيخانىڭ ئىشىنەلمەي ،

سىناش ئۈچۈن سۇئاللارنى سوراپ سالدى.


"  زۇلەيخا نەدە ئەمدى داڭقىڭ ، مالىڭ ،

سۇمبۇل چاچ ، زىبا بويۇڭ ،  خۇش جامالىڭ ،

بالقىپ بىر تۇلۇن ئاي بوپ تۇرغان چېغىڭ ؟

نىچۈك سەن مۇنداق ھالغا چۈشتۈڭ ئەمدى ؟


زۇلەيخا ئېيىتتى :جامالىم ،مۈلكۈم  بەردىم ،

بارىمنى سېنىڭ ئۈچۈن پىدا قىلدىم ،

بەختىمدىن ، تەختىمدىن ھەم ۋاز كەچتىم ،

ۋەسلىڭنى بۇ ئۆمرۈمگە قىبلە قىلدىم. .


يۈسۈف ئېيىتتى:ئەگەر چىن ئاشىق بولساڭ ،

ۋەدىگە چىڭ ،مۇھەببەتكە سادىق بولساڭ ،

يىغلاپ يۈرۈپ ئىشقىڭچۈن دەۋا قىلساڭ ،

دەۋايىڭغا بىرەر ئىسپات بارمۇ ئەمدى .


زۇلەيخا ئېيتتى: ئەمىسە كەل  يېنىمغا ،

قولۇڭدىكى قامچاڭنى بىررەت بەر قولۇمغا .

ئاشىقلىقىم تەپتىنى ھېچ ھىس قىلمىساڭ ،

يالغان بولسۇن ئېيتقانلىرىم، سال زولۇمغا.


قامچىسىن بېرىپ ، يۈسۈف ئاتتا تۇردى ،

زۇلەيخا" ئۇ قامچىنى قايتا بەردى .

قامچىغا ئوت تۇتاشتى ، يۈسۈف كۆردى،

قامچا ئۇنىڭ قوللىرىنى زەپ كۆيدۈردى ، .  


قامچىنى يۈسۈف دەرھال ئېتىۋەتتى ،

زۇلەيخا چىن ئاشىقكەن دەپ بىلىپ يەتتى،

سادىقكەن ، ھىچ قالمىدى شەك – شۈبھىىسى ،

تاڭ قېلىپ ، ئات تىزگىنىن تارتىۋەتتى .


زۇلەيخا ئېيتتى :دەردىم چۈشەندىڭمۇ ،

قامچىغا ئوت تۇتاشتى ، بىلەلەمسەن؟

قولۇڭنى كۆيدۈرگەندەك قىرىق يىللار ،

شۇ ئوتتا مىنىڭدەك ھەم چىدالامسەن؟


يۈسۈف تاڭ قالدى ، ھەيرانۇ-ھەس،

زۇلەيخاغا تەسەللى – تەلىم بەردى :

" ئۈمىد ئۈزمە ، ۋىسالنىڭ پەيتى كەلدى ،

ئازاپ كەتتى ، راھەت يەتتى، كەلگىن" ،–دېدى  .


پەرىشتىلەر كەلدى شۇئان سالام بېرىپ ،

ھەقتىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزۈشتى.

" نىكاھلاپ  زۇلەيخانى ئالغىن " ئەمدى ،

پادىشاھ سەن، ئۇ خانىشىڭ بولسۇن "دىدى.


مانا بۇ "چوڭ خۇش خەۋەر "، دېدى يۈسۈف ،

تەبەسسۇمدا  زۇلەيخاغا يېقىن كىلىپ.

ۋەھھىينى سۆزلەپ ئۇنى شادلاندۇرۇپ ،

" زۇلەيخاغا راھەت يەتتى " – دىدى كۈلۈپ .


زۇلەيخا بۇنى ئاڭلاپ ھەسرەتلەندى ،

" ئىلاھىم ، ھالىم ساڭا مەلۇم " دېدى،

مۈلكىدىن، جامالىدىن  مەھرۇم بولغاچ ،

تۇرقىدىن، كۆزلىرىدىن ۋايىم يىدى.


تەڭرىم ، ماڭا ياردەم قىلغىن بىر ئۆتۈنەي ،

كۆزلىرىمنىڭ نۇرلىرىنى بەرگىن زەررە ،

جامالىم يۈسۈفكە لايىق بولسۇن  ،

ئەسلىدىكى ھالىتىمنى بەرگىن يەنە.


شۇ چاغدا بىر پەرىشتە يېتىپ كەلدى ،

قانىتىدىن زۇلەيخاغا نۇر تۈكۈلدى .

زۇلەيخا كۆزى يورۇپ ياپ – ياش بولدى ،

يۈزلىرىدە قىزلارغا خاس گۈل ئېچىلدى.


نىكاھ قىلىپ،ئۆز ئەمرىگە ئالدى ئۇنى ،

تويلار قىلىپ، ساھىپخانى بولدى يۈسۈف،

تويغا كەلدى ئۇلۇغ بەگلەر،بولۇپ داخىل ،

شاد– خۇراملىق ، سۆيۈنچلەر كەتتى تۇشۇپ .


ئىككىسىگە تويلار تۈگەپ خىلۋەت بولدى ،

زۇلەيخانىڭ ئىپپىتىنى يۈسۈف بىلدى.

شۇندا ھەيران بولۇپ يۈسۈف ھەم سورىدى:

كۆپ زامانلار قانداق قىز بوپ قالدىڭ ئەمدى ؟


زۇلەيخا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى :

سەن ئۈچۈن تەڭرىم مېنى قوغداپ كەلدى ،

شۇنچە يىل پەرى قىزى كېلىپ ھەركۈن،

ئېرىم بىلەن مەن سىياقتا ئۇخلاپ كەلدى .


تەڭرىمگە رەھمەت سېنى بەردى ماڭا، ،

ئارزۇ ۋە ئارمانلىرىم بولدى ئادا.

دۆلىتىم ، گۈزەللىكىم قايتتى يەنا ،

ئېيتىمەن ھەر مەرتىدە ھەمدۇ-سانا .


تەڭرىنىڭ ھۆكمى بىلەن پۈتۈپ تەقدىر :

يۈسۈف بىلەن زۇلەيخا بىرگە ياشىدىلەر ،

ئون ئىككى ئوغۇل ھەم بولۇپ نىسىپ ،

چوڭ ئوغلىنى‹‹ مۈسەلىم›› دەپ ئاتىدىلەر.



تەرجىمە قىلىپ رەتلىگۈچىلەر:-غىلاجىدىن ئوسمان ئىدىل، سائادەت ساتتار ئايتۇغ 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك