مەن سېنى سۆيەتتىم، سۆيەتتىم ئەمما (شېئىر)
ئا. س . پۇشكىن
مەن سېنى سۆيەتتىم، سۆيەتتىم ئەمما،
ئاشىقلىق قەلبىمنى قىلمايتتىم ئىزھار.
مەن ئۇنىڭ دەردىنى تارتاتتىم تەنھا،
ئالدىڭدا تەن ئالغۇم كەلمەيتتى زىنھار....
مەن سېنى سۆيەتتىم ئۈنسىز، ئۈمىدسىز،
گاھىدا تارتىنىپ، گاھى قىزغىنىپ.
خالىسا ئەمدى كىم سۆيسۇن مەن كەبى،
سەمىمىي يۈرەكتىن چەكسىز ئىنتىلىپ.
قۇربان بارات تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder