باھاردا لى بەينى ئەسلەپ (شېئىر)


دۇفۇ


نەزمىدە لى بەيگە تەڭ كەلمەس جاھان،

پىكرى يۈكسەك ئۆزگىدىن ھېسسىي راۋان.

تىلى سۇشىندىن گۈزەل ھەم ساپ ئۇنىڭ،

ئۇسلۇبى باۋجاۋنى يەڭگەي ھەرقاچان.


كەلدى ۋۇيبېيغا باھار، گۇگۇمدا مەن—

باقىمەن دەرياسېرى مەشرىق تامان.

جەم بولۇپ قايتا شېئىرىيەت بابىدا—

مۇڭدىشارمىز مەي-شاراب ئىچكەچ قاچان؟


ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك