غەزەللەر (باتۇر روزى)
1
مېنى كولدىرلىتىپ دەسلەپ ئۆزۈڭ شەيتانغا ساتقانسەن،
شۇئان كۆكسۈمگە قىيماي ئوق قىلىپ ئىشقىڭنى ئاتقانسەن.
مېنى ئازدۇردى،دەپ ئاتسام ئەگەر شەيتانغا بىر پەشۋا،
ماڭا قۇدرەتنى كەم قىلدىڭ ھامان پەنجىمگە قاپقانسەن،
ئەجەپ ساتتى مېنى،دەپ گ
سېنى تەڭرى
غۇرۇر تاغ
بۇ ب
ئۆزۈم كىم دەپ سۇئال قويسام ، سۇئال ئەپ قاچتى بارىمنى،
نىچۈن بەندەڭنى خار ئەيلەپ سۇئاللارغا بۇلات
ئۆزۈم يىتكەن تۇر
ئۆزۈڭنى بەندىسىز ئەيلەپ ئەنە شۇنداق يوقاتقانسەن.
2
ئانامدىن بىر تۇغۇلدۇم،تەڭرىدىن مىڭ رەت تۇغۇلماق بار ،
زاكامغا بىر بوغۇلدۇم، مىڭ سۇئاللارغا بوغۇلماق بار.
ئۆزۈمنىڭ يوقلىقىن بار ئەيلەمەكتۇر بىر ئۆمۈر مەقسەت،
ھاياتمەنكىم بۇ سەۋدادىن ماڭا قاي دەم قۇتۇلماق بار ؟
بۇ سەۋدادىن قۇتۇلسام ئۆزگە بىر سەۋدا مېنى تۇتقاي،
مەسەل بار:<<قاچسا يولۋاس بۆرىگە تەكرار تۇتۇلماق بار>>.
ماڭا يول- يولدا قاپقان بار،ھامانە قاچقىنىم قاچقان،
بۇ تاغدىن ئاتلىسام گەر ئۆزگە ب
ئۆزۈمنىڭ بارلىقىمنى ئېجاد ئە
رەھىمسىز شۇ ئەجەلنىڭ قارچۇغاسىغا سوقۇلماق بار.
3
تۇغۇم بىرلە ئۆلۈم جۈپ ئوۋچى بىزنى خامتالاش ئەتكەي،
تۇغۇم تۇرمۇشنى ئەيلەپ بىر قازان بىزلەرنى ئاش ئەتكەي.
ئۆلۈم مىڭ قەبرىنى باشلاپ مېنى قورشايدۇ ھەرياندىن،
تۇغۇم يەڭمەككە قورشاۋنى سېنى مىڭ پارچە تاش ئەتكەي.
ئۆلۈم بولسا بۇلۇت،بىزدىن تۇغۇم دەرھال ياسار چاقماق،
ئۆلۈم زۇلمەت بولۇپ كەلسە تۇغۇم بىزنى قۇياش ئەتكەي.
ئۆلۈم تولدۇرسا نەپرەتكە كۆڭۈلنىڭ بەزمىگاھىنى،
تۇغۇم ساھىپجامال يوقلاپ سۆيۈمگە ئايرىباش ئەتكەي.
ئۆلۈم قۇتراپ ھاياتقا بىمەھەل سوزغاندا چاڭگالنى،
تۇغۇم بىزگە ئېرادە بەخىش ئېتىپ ياۋنى ياۋاش ئەتكەي.
ئۆلۈم-نەققاش، چىكەر نەقىشىنى گۈلبەرگى ماڭلايغا،
تۇغۇم نەققاشقا بىر پەش
ئۆلۈم
تۇغۇم باشقا ئۇ
ھامان جۈپ ئوۋچىنىڭ جەڭگاھىدا ئوۋدەك بىرەرمىز جان،
بۇ تەننى قەبرىلەر يۇتقاي،زېمىن بىزنى ھاپاش ئەتكەي.
4
ماڭا ئادەملىكىم لازىم ئەگەر شەيتان ياساپ قويساڭ،
ماڭا تۇپراقلىق ئەۋزەلدۇر،مېنى ئاسمان ياساپ قويساڭ.
مەقامىڭدىن كېچىپ بەرمەيلا قوي مىڭ-مىڭ خۇدالىقنى،
ماڭا ئىنسانلىقىم شەربەت سۇنار،ئىنسان ياساپ قويساڭ.
پەرىشتەڭ كەلسە تىغ تارتىپ سۈپەتنى ئايرىباشلاشقا،
تاۋاپكارمەن ساڭا، پەيلىمدە بىر ئىسيان ياساپ قويساڭ،
تېنىم ھەم بولمىسۇن ھېچ ئۆزگىلەر جانىغا غەمخانە،
ئۆلەردە ئۇستىخانىمدىن ئاڭا قاپقان ياساپ قويساڭ،
ماڭا مەن،ساڭا سەن تەڭرى،<<ماڭا سەن>>،<<ساڭا مەن>> يوق گەپ!
ساراي بولساڭ بولىۋەرگىن،مېنى ۋەيران ياساپ قويساڭ.
ئۆزۈمنىڭ ئىشقى بىر جەننەت،
ئۆزۈمگە بىر ئۆز
ياسالماي قوي،ئۆزۈڭدىن بىر ئۆزۈڭ باتۇر، يارالغانسەن،
سېنى تەڭرى ياساپ سالماس،ئۇنى ئوبدان ياساپ قويساڭ.
5
تەڭرى بولساڭ سەن بولىۋەر،مەن يەنە شەيتان بولاي،
ئۇرغىغان شەيتان تومۇرىئىچرە تامچە قان بولاي.
دەر ئىدىم ئەسلىدە ئادەملىك سۈپەت بولغاچ نېسىپ،
تەڭرى ۋە شەيتان ئارا تارتىلغۇچى ئارقان بولاي.
بەندىلىكنى تەڭرى مەجبۇرلاپ ماڭا قىلغان خاتا،
بەندىلىك قىلماق بىلەن مەن قاي سۈپەت ئىنسان بولاي؟
تەڭرىگە قۇل بولغۇچە ئول جەننەتۇلىرىزۋان ئارا،
تەڭرىگە شەيتان بولۇپ دوزاختا سەرگەردان بولاي.
ئەي جامائەت، تائەبەد ھۆكمىڭگە قىلماسمەن ئەمەل،
تەڭرىگە قۇل بۇ بارچە،مەن ئا
6
مېنىڭدىن بەزدى شەيتان،ي
ئوتى دوزاختىن ئۆرتەپ يا
سېتىلسا
ئۇزاتسام گەر شارابتىن بىر قەدەھ،تەڭرىم ياراتقايمۇ؟
مەگەر تەڭرىم شارابنىڭ كەيپىنى بىر رەت سۈرۈپ قالسا،
يەنە مىڭ رەت سۈرەرگە ئەرىشتە مەيخانە ياساتقايمۇ ؟
ئاياندۇر ھەممىگە:ياقماس شاراب يالغۇز ئىچەرمەنگە،
مېنى ئۈلپەت كۆرۈپ
شۇدەم بۇ تەڭرىنىڭ رەسۋالىغىن كۆرگەن مالائىكىلار،
ئىلاھ رەسىمىنى تەرك ئەيلەپ،بۈيۈك ئەركىنى تاپقايمۇ ؟
ۋەيا ئول تەڭرىنىڭ مەيخورلىقىغا مەھلىيا بولغاچ،
بولۇپ مەيخانىگە جەم،تەڭرىگە ئىشقىن پۇراتقايمۇ ؟
كۆيۈك دەردىدە يىغلاپ گەر ئۇلار ياشىدا مەي سۇنسا،
ئېرىپ تەڭرىم ئۇلارنىڭ رىشتىگە رىشتىنى چاتقايمۇ ؟
مەلائىك نازى تەڭرىم جىسمىدە قۇتراتسا شەھۋەتنى،
ئېۋەنسىز تەڭرى ئاخىر بۇ گۇناھلار ئىچرە پاتقايمۇ ؟
پەرى،مەي،بەزمىدىن شىركەيىپ بولۇپ غالجىرلىغان تەڭرىم،
زېمىننى بىر تىپىپ داڭگال سىياقى دۇمۇلاتقايمۇ ؟
زېمىن بىر ئىزدىلا چۆرگىلەرۋەردىكى، تويدۇم
شۇدەم مەسىتلىكتە تەڭرىم يەرنى تەتۈر
يېڭى توپان ياكى جىمى بارلىق
بۈيۈك شەھۋەت بىلەن يەرگە
7
ئىلاھ رەسىمىگە تولغاپ
ئات
ئولارنىڭ روھىدا ئەرك تۇيغۇسى تۇغيان ياساپ دەھشەت،
بىزار قىلدى مىزانلار قورشىغان جەننەتچە راھەتتىن.
ئىلاھ رەسىمى بىلەن بولمىش مەئىشەتلەر بېرەلمەي زوق،
جۇدا قىلدى پەرىلەر نازىدىن –سېھرى نازاكەتتىن .
پايانسىز بۇ زېمىن ئاخىر ئاڭا بەخىش ئەتتى ئەركىنلىك،
ساناقسىز كەشپىيات روي بەردىلەر سۈرگۈن ۋە ئاپەتتىن.
ئۇلار ئەرك ئىچر
تارالدى يەرگە ئىنسانلار مۇقەددەس ئول مۇھەببەتتىن.
ئېرۇر ئادەمگە خاس تەرك ئەيلىمەك،بۇزماق،ئىجاد ئەتمەك،
جاھان ئاپەتكە يۈزلەنگەي مالايلارچە قىياپەتتىن،
ئۆزۈڭنىڭ بارلىقتىن-ئادەملىكىن قىلغىن ئىجاد باتۇر،
ئۈمىد كۈتمە ئىلاھ بەرمىش نىسى سانسىز شاپائەتتىن.
8
ماڭا تەستۇر ئاۋازىمنى خالايىقلارغا ئاڭلاتماق،
ئەمەس مۇمكىن ئۇلارنىڭ دىل راۋابىنى جاراتلاتماق.
ئۆزۈمنىڭ ناتىۋان كۆڭلۈمنى بەزلەش مۇددىئايىمدۇر،
ئەمەستۇر مەق
بۇ نەزمەم ئەركە،ئەلنىڭ ئىشتىھاسىنى پىسەنىت ئەتمەس،
ئەمەس بۇرچى كىتابخان جەلىب ئىتەرگە قول پۇلاتلاتماق.
مېنىڭ خاس ئالىمىم تەسۋىرگە يەتمەس تېخى نەزمەم
نۇمۇستۇر ئۆزگىلەرنىڭ بەزمىگە ھەم داپ
مېنىڭ خاس ئاسمىنىمدا ئۇچقۇچ
ئېرۇر قەستىى ساماي
ئۇ بىر تال
ئېرۇر ئەجىرىم
ئۆزۈڭنىڭ باغرى
ئەمەس
9
ماڭا گۈل سۈرىتىڭ ئالدىدا لال بولماق ئېرۇر پەر
ئوتۇڭدا ئۆرتىنىپ قىلد
ساڭا پەرىزمىكىن ئالەم ئارا سالماق تۈمەن غوۋغا،
ماڭا ئەسلەپ سېنى ھەردەم خىيال بولماق ئېرۇر پەرھىز.
مەگەر گۈللەر ئارا مۈكسەڭ مېنى قىلماققا سەرگەردان
سېنى سۆيمەكنى قەسىت ئەيلەپ شامال بولما
ئەزىم دەريا بولۇپ ئاقسا
شۇ كۆ
مەگەر ئاسماندا بولساڭ دىلبىرىم،باغرىڭنى قۇچماققا
سامانى چىرمىغان بەلباغچە ئال بولماق ئېرۇر پەرھىز
بۇ دۇنيادا ساڭ
ئاداققى بەندەئى ساھىپجامال بولماق ئېرۇر پەرھىز.
10
تەبەسسۇم ئىچرە مەڭزىڭ گۈل زىناقلاردىن ياسار قاينام،
چۆكۈپ بىر مىڭ
مەگ
شۇ قاينام تامچىسىنى مەي قىلىپ سۇنساڭلا بولغاي جام.
بىراق بۇ جام بىلەن ھېچ چۆلسىمان تەشنالىقىم قانماس،
چۈشۈمدە لەۋلىرىڭ بولمىش قەدەھ شۇ مەيگە ھەر ئاخشام.
چۈشۈمدە مەست بولۇپ قايناملىرىڭ تەكتىدە ياتمىشمەن.
كۆزۈڭ شۇڭغۇپ كېلىپ ئوتقاش مىسال جىسمىمدە يامىش شام.
ئېرىپ تەن ئەكسىدەك ئاينىڭ چىقارمىش سەتھى قاينامغا،
ئېقىپ ئۆتكەچ ئۇ كۆكسۈڭ دولقۇنىغا بوپ قالارمىش رام.
بۇ قەددىڭ دەل سامادىن تىك تۆكۈلگەن بىر ئەزىم دەريا،
نە بولغاي بىر ئىچىپ قانسام، نە بولغاي بىر ئېقىپ تالسام؟
مەگەر كىم يۇتسىمۇ قايناملىرىڭ باتۇرنى مىڭ يالماڭ،
دېگەي ھەتتاكى : كۆكسۈڭ دولقۇنى ئەۋجىدە چايقالسام!
Yorumlar
Yorum Gönder