دېڭىز (شېئىر)
ئىمىن ئەھمىدى
ئۇپۇق كۆرۈنىدۇ، نىشان كۆرۈنمەيدۇ،
غۇر-غۇر شامال، تۇمان كۆرۈنمەيدۇ.
سۇنغان نۇر سۇ يۈزىدە مارجان ئەينى
چايكا كۆزىگە مارجان كۆرۈنمەيدۇ.
قۇياشلىق كۆكتە ھايات شەۋقى،
يالغۇز يەلكەنگە ئەفغان كۆرۈنمەيدۇ.
كېچە پايانسىزلىق جانغا ۋەھىمە،
لېكىن ھېچنەرسە سەرسان كۆرۈنمەيدۇ.
يىراق-يىراقلاردا مەۋھۇم ئالۋۇن،
دولقۇن قوينىدا گۈلخان كۆرۈنمەيدۇ.
سەيياھ قانىتىغا ئىشەنچ ھەمراھ،
گەرچە يېنىدا كارۋان كۆرۈنمەيدۇ.
ئەركىنلىك دېگەن شۇنداقمىكىن تاڭ،
نە پادىشاھ، نە خان كۆرۈنمەيدۇ.
دېڭىزنىڭ قەلبىدە ئۆھسىنىش
چايكىدىن باشقا جەۋلان كۆرۈنمەيدۇ.
Yorumlar
Yorum Gönder