جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى (شېئىر)

پۇشكىن


جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى،

دولقۇن ياساپ ئاقار شىددەتتە.

چاپ، شاۋقۇنلا گۋادال دەرياسى

مەيلى بولغىن رەسىم ئىچىدە!


ئالتۇنرەڭ ئاي بالقىدى لەرزان،

ئاڭلا، بىرسى چالماقتا گىتار.

ئەي نەۋقىران ئىسپان گۈزىلى،

چىق ئايۋانغا، بولۇپ گۈل-ئىپار!


جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى،

دولقۇن ياسار گويا شىددەتتە. چاپ!

شاۋقۇنلا گۋادال دەرياسى رەسىم ئىچىدە.


پارلاق كۈندەك بالقىسۇن چېھرىڭ،

ئاچ ياغلىقنى ئۇماق پەرىشتە.

رىشاتكىنىڭ سىرتىغا چىقار،

گۈزەل، نازۇك قەددىڭنى يەنە!

جىمجىت تۈننىڭ مەيىن شامىلى،

دولقۇن ياساپ ئاقار شىددەتتە.

چاپ! شاۋقۇنلا گۋادال دەرياسى رەسىم ئىچىدە!


1824-يىلى


باتۇر روزى تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك