«گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە» ماڭىمۇ (شېئىر)

مۆمىنجاننىڭ شۇ ناملىق ناخشىسىغا تەقلىد


ئايتۇغ


مىنى كۈندە مۇنبەردىلا يۈرىدۇ دەپ،

كىيۇكىيۇ لاردا «بەخت» پەيزى سۈرىدۇ دەپ،

بىزنى كۆرسە قاپىغىنى تۈرىدۇ دەپ،

گەپ بولۇپتۇ مەھللىدە گەپ بولۇپتۇ.


ئەتمەيدىكەن بىر ۋاق تاماق ئۆيىدە دەپ،

ئاچمايدىكەن تۈزۈك قاپاق ئېرىگە دەپ،

يەپ تۇرارمىش نەچچە تاياق كۈنىگە دەپ،

گەپ بولۇپتۇ مەھللىدە گەپ بولۇپتۇ.


«كۆيدۈم-پىشتىم» دەپ شىئېرلار يازارمىش دەپ،

سەۋدا بولۇپ گەپلىرىدە ئازارمىش دەپ،

توي-تۈكۈن ۋە ئولتۇرۇشتىن قاچارمىش دەپ،

گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.


كۆرمەس بوپتۇ تورغا قاراپ كۆزىمۇ دەپ،

سىغماس بوپتۇ ھىچ ئەقىلگە سۆزىمۇ دەپ،

چىقماس بوپتۇ تالا-تۈزگە ئۆزىمۇ دەپ،

گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.


غەم يىمەڭلار مىنى ئېزىپ قالارمۇ دەپ،

«ئىشلىرىنى» ئېرى سىزىپ قالارمۇ دەپ،

مەيدەم تىكتۇر غەيۋەتلەرگە كۆنگەچ ئۆزۈم،

كۈچىمەڭلار توردېن تېزىپ قالارمۇ دەپ. 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك