قان بۇلىقى (شېئىر)

بودلىر


 بۇلاقنىڭ سۈيىدەك گاھىدا قېنىم ،

ئاققاندەك تۇيۇلار ھەسرەتلىك يىغلاپ .

ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ شاۋقۇن تاپالماي ،

قالىمەن جارائەت ئاغزىنى سىلاپ .


شەھەرنى باستى قان قۇشخانا كەبى ،

كوچىلار بولدى بىر دېڭىز بىپايان .

ئۇ قانلار قاندۇرار چاڭقاق گاللارنى ،

تۈس ئالار قىپ -قىزىل كائىنات جاھان .


قېنى سەن كىشنى مەسىت قىلغۇچى شاراپ ،

سەن بار ، يوق قورقۇنۇچ قايغۇ -ئىزتىراپ .

سەزگۈمنى ئويغىتار شاراپ ھەرقاچان ،

مۇھەببەت ئىچىدە بەك شىرىن ئۇخلاپ ،

 قېلىشنى تىلەيتىم بىراق مۇھەببەت ،

قېنىمنى تۈگەتتى جالاپتەك شوراپ . 


مەمتىمىن ئەلا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىلىلىق 4- سانىدا ئېلان قىلغان

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك