توققۇزىنچى كۈنى شەھىرى شىنجۇ سېپىلىغا چىققاندا (شېئىر)

دۇفۇ


كەلسە «چۇڭياڭ» مەن ئىچەتتىم مەي – شاراب،

ئەمدى ئاقاردى چېچىم بوۋايغا باب.

ھەر يىلى شۇ چاغدا، يۇرتقا باققىلى،

چىقىمەن ھاسارغا تەستە ھالسىراپ.

مەست كۆزۈمگە كۆرۈنەر ئالەم خۇنۈك،

ئېيتىمەن كۈي جان – جىگەرىم يادىلاپ.

جەڭ – جېدەلنى ئويلىسام قورغاندىكى،

بولىدۇ تىلىم گاچا، باغرىم كاۋاپ. 


ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك