چاڭسۈن كەنتى توغرىسىدا ئۈچ شېئىر (شېئىر)

دۇفۇ


1

قىلۋە ياققا بارىدۇ كۈنمۇ پېتىپ،

يەرگە بۇلۇت ئارىسىدىن نۇر چېچىپ.

قىلدى سېغىزخان خەۋەر قوۋۇق بېشىدا،

كەلدى مېھمان، دەپ، ئۇزاق جاپا چېكىپ.

قالدى يىغلاپ ئۆي ئىچىم ھەيران بولۇپ،

ھەم تىرىك يانغانلىقىمدىن داڭ قېتىپ.

قىلدى سەرسان بىزنى بۇ ئەنسىز جاھان،

شۈكرى، ياندىم ئولجىغا جاننى ئېلىپ.

كوچا-كويغا چىقتى قولۇم-قوشنىلار،

ھەسرىتىگە پايلىماي كۆز ياش قىلىپ.

ئولتۇرۇشتۇق تۈن بويى بۇ چۈشمۇ دەپ،

شام تۈۋىدە يار بىلەن كۆپ مۇڭدىشىپ.

2

قىستىدى تۇرمۇش مېنى قېرىغاندا ھەم،

كەتمىدى يانساممۇ ئۆيگە غۇسسە-غەم.

قۇچىقىمدىن چۈشمىدى زادى بالام،

كەتمە ئاتا ئەمدى، دەپ ئۇ، دەممۇ-دەم.

كۆل بويىغا باشتا سالغانتىم جىرىم،

سايىدارمەن كەلسە ياز، دەپ، ئەسلىسەم.

تۆكۈلۈپ شامالدا ئۇچقان شۇ خازان،

قوزغىدى قەلبىمدە بۈگۈن دەرد-ئەلەم!

يىغىلىپمۇ بوپتۇ ئاشلىق ئاڭلىسام،

پۇرىدى بۇرنۇمغا گويا مەي شۇ دەم.

بولسىلا شاراب بۈگۈن غىق تويغۇدەك،

ئۆمرۈم ئۆتەتتى خۇشال دىلمۇ جەم.

3

كىيدى بېشىغا تۇخۇلار ھويلىنى،

سالدى غوۋغا بىر-بىرىنى چوقىلاپ؛

قوندىقىغا چىقىرىپ تۇرغاندا مەن،

ئىشىكىمنى قاقتى مېھمان ۋارقىراپ.

ئاقساقالدىن تۆت-بەشى كەلدى كىرىپ،

كەپتۇ دەپ مېنى سەپەردىن ھال سوراپ.

ھەربىرىنىڭ قولىدا بار سوۋغىسى،

كوزىسىدىن قويدى جامغا مەي-شاراب.

دېدى: «ئەرلەر جەڭگە ماڭغاچ توختىماي،

قالدى ئېتىزلار ئېكىنسىز چۆلسىراپ.

دېمىگىن مەي سۈپىتى ناچار ئىكەن،

بارى مۇشۇ، ئازنى كۆپكە قىل تاۋاپ».

كۈن ئېغىر، ھىممەت ئۇلۇغ بولغاچ ماڭا،

ئۇيۇلۇپ قالدىم شۇ چاغ يەرگە قاراپ.

ناخشا ئېيتسام ئاھ ئۇرۇپ پەرياد چېكىپ،

ئاقتى دوستلار كۆزىدىن ياش تامچىلاپ.


ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك