سېرىق تۇرنا راۋىقىدا مېڭ خاۋرەننى گۇاڭلىڭغا ئۇزىتىش (شېئىر)
لى بەي
قەدىناس دوست تېپىپ سائەت ئۈچىنچى ئاي باھارىدىن،
راۋان بولدى شۇ گۇاڭلىڭغا سېرىق تۇرنا راۋاقىدىن.
ئۇپۇق بويلاپ ئاقار چاڭجياڭ لومۇلداپ شەرق تامانىغا،
قاراسى يۈتتى يەلكەننىڭ ئۇپۇقنىڭمۇ يىراقىدىن.
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder