رۇبائىيلار (غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد)
بىر نىگاھ سېنى گەر ئىشق دەرياسىغا غەرق ئەتسە،
جۇنۇن ئەفغانلىرى سەلدەك يۈرىكىڭدە بەرق ئەتسە.
چۈشەن ھەسرەت ۋە شادلىقتىن ھەۋەسنىڭ ئىختىراسىنى
بۇ ئىشق شەپقەت ئاتا قىلماس جاھان ھەرقانچە چەرخ ئەتسە.
2
نە مەنىسى سەيلە- سۆھبەتنىڭ جانانىڭ بولمىسا،
ياكى ئۈلپەت بىرلە ئەسراردا گۇلابىڭ بولمىسا.
مەيلى كۈل قىلسۇن پىراق، يا مەيلى بول يار قوينىدا
ساختىدۇر ئاشىقلىقىڭ پۈتمەس ئازابىڭ بولمىسا.
3
ھىجرىدىن بەزگەن دۇرۇس ئاشىق ئەمەس،
يار ئۈچۈن كىيگەن كۇلاھ پاسىق ئەمەس.
بەزلىمەڭ بۇلبۇلنى سىز ئازغان بىلەن،
قۇزغۇن قىزىل گۈلگە پەقەت لايىق ئەمەس.
4
بەزىلەرنىڭ يۈزى چىرايلىق،
بەزىلەرىڭ كۆزى چىرايلىق.
كۆڭلىدە كىر، غۇبار بولمىسا
ئۇنداقلارنىڭ ئۆزى چىرايلىق.
5
يەردە تاش بولغۇم كېلۇر، ئوكياندا قولۋاق بولغۇچە،
تاغدا گۈل بولغۇم كېلۇر، باغلاردا يانتاق بولغۇچە.
بۇ ھايات بولغاچ مۇرەككەپ گاھى ئاپتاپ گاھ جۇدۇن،
پەستە غول بولغۇم كېلۇر، شاخلاردا ياپراق بولغۇچە.
6
سۆيگۈنى بىلمەس جاھاندا ئەھلى ۋىجداندىن بۆلەك،
بولمىغاچ ئۇندا ھېكايەت دېغى - ھىجراندىن بۆلەك.
ئويلىما يەتتىم مۇرادقا دەپ كى گۈل ئۈزمەك بىلەن،
پەرۋىشى زىلالىگە لازىم ئەمەس قاندىن بۆلەك.
7
بولغۇچە ھەرچاغ نادانلار بىرلە خۇش ئەسرادىمەن،
تۇرغىنىم ئەۋزەل مىنۇت ئاقىل بىلەن پەگادىمەن.
ئىشىملىرىم پۈتكەي، بۇ دۇنيادىن پەقەت قالماس ئېشىپ،
ئۆچ- قىساس، ئال- بەرگۈسىز ئاخىر زامان دەۋادىمەن.
8
خۇشناۋا بۇلبۇلنى كۆردۈم ھەر باھار بوستاندا مەن،
ھەم يەنە كۆردۈم ئىشىقنىڭ تەپتىنى ۋولقاندا مەن.
ۋادەرخ، كۆردۈم يەنە مەن شىر بىلىپ ئۆز سايىسىن
پەيلىدىن كەچكەن خۇلقنى شەرمىساز توشقاندا مەن.
9
زەررە نۇخسان ئاچتى ئابرۇيدىن لەنەتلەرگە كاۋاك،
قىلچە تۆھپە ياپتى نۇخساننى يەنە ياڭراپ چاۋاك.
خۇددى قاينام ئۆزرە ياپراقتەك چۆكۈپ، لەيلەر كىشى،
سەن ئۈچۈن بولغان ئېزىتقۇ ئۆزگىگە بولغاي ماياك.
10
دوست دېمە داستىخاندا ھەمخان بولغاننى،
ئامىتىڭ كەلگەندە غەمخان بولغاننى.
دوست دېگىن مۇشەققەت تىغلىرى بىلەن
ئەيىبى قىرقىلىپ "ئىنسان" بولغاننى.
1992- يىل. خوتەن
Yorumlar
Yorum Gönder