ئىنتىزار (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد


تاش يېرىلدى يار دەپ توۋلىسام،

ئاي يىغلىدى كەينىگە قاراپ.

كۆز يېشىمنى سۈرىتتى بۇلۇتلار

ئاسمان مېنىڭ بېشىمنى سىلاپ...

ياتتى مەندە كېلىپ باياۋان

مەندە ئاقتى دەريامۇ غەمكىن.

كەلدى تاغلار ھالىمنى سوراپ،

كەلدى يۈگرەپ قېشىمغا زېمىن.

كەلدى مۇقام خۇرجۇننى ئارتىپ

ئەگەشتۈرۈپ سەرگەردان چۆلنى.

قەدەھلەردىن چىقىپ بۇلبۇللار

كەيىپلىكتە ئۆلتۈردى گۈلنى.

ئۇسسۇل ئويناپ كەلدى دەرەخلەر،

رومىلىنى يىرىتتى شاماللار.

سېلىۋەتتى كىيىمىنى ئاھ

ئالەمدىكى بارچە ئاياللار...

سەن كەلمىدىڭ، كەلمىدىڭ زىنھار

قالدى يالغۇز يوللاردا كۆڭلۈم.

يېتەرمۇ ئاھ، مىڭ يىللار كېيىن

ساڭا مېنىڭ چاقىرغان ئۈنۈم.

قولۇمدا قىزىل گۈل، بەرگى پەرىشان

كۆكسۈمنى داپ قىلىپ، مەن ئۇنى چېلىپ،

مەلەڭگە سازايى بولغىلى كەلدىم.

جەندەمنىڭ يىرتىقىدىن مارايدۇ ئاسمان،

نۇرانە يۇلتۇزغا تولغىلى كەلدىم.

ئىتلار قاۋىشار گاداينى كۆرسە،

ئاشىق جان بىرەر مەشۇقنى سۆيسە...

ھىچكىمگە ئېيتمىدىم بۇزۇق چۈشۈمنى،

ئوت كەتتى گۈرۈلدەپ قاخشال يۈرەككە.

قولۇمدا قىزىل گۈل، بەرگى پەرىشان،

بەرمەيمەن ئامرىقىم سەندىن بۆلەككە.

يىغلايدۇ، يىغلايدۇ... بىر قاغا قونۇپ

ئىككىمىز يۆلەنگەن مايماق تىرەككە.

شاھلار تاجى پايىمدا پايخان،

مەن يارنىڭ گادايى بولغىلى كەلدىم.

تىلەمچى بىنالار يوچۇن، مۇغەمبەر،

ناخشىلار قان قۇسۇپ يۆلەندى تامغا.

ئۆلۈكلەر تۇپراقنى تۇرار كۆتۈرۈپ،

سوڭەكلەر نالىسى كىردى مۇقامغا.

پاچاقلاپ ۋىسالنىڭ ئىسكەنجىسىنى

يىرتىپ كۈيلەرنىڭ پۈركەنجىسىنى

تۈگىمەس ھىجراندا داد ئېتىپ يىغلاپ

مەشرەبى، نەۋائى بولغىلى كەلدىم. 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك