يامغۇردىكى ھىسلار (شېئىر)

 ئايتۇغ


بىلىسەن، يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن،

ئەزەلدىن تۇتمايمەن تامچىغا كۈنلۈك.

پاتقاقلىق يوللاردا قالغان ئىزىمىز،

ئەمەسمۇ سۆيگۈگە شاھىد-مۆھۈرلۈك.


بىر تامچە يامغۇردەك بىر قەترە سۆيگۈ،

سىڭمەكتە شۇ دەمدە مىھىر بەرگىگە.

زىمىستان چاچقۇلار چېچىۋاتىدۇ،

بىزلەرگە مەنسۇپ بۇ بەخت پەيتىگە.


ئاداققى يوللاردا قالسۇن ئىزىمىز،

بۇ لەزىز مىنۇتلار بولمىسۇن ئۆتمۈش.

يامغۇردەك سۇغۇرۇپ تۇرساڭ باغرىمنى،

نە ھاجەت ھاياتتا ئۆكسۈش-ئۆكۈنۈش؟


2013.6.5

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك