چىراغ (شېئىر)
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
تۈننى كۈندۈزدەك قىلۇر خۇددى گۆھەر بۇ چىراغ،
نۇرىنى ئالغان قۇياشتىن نۇرى جەۋھەر بۇ چىراغ.
قاپقاراڭغۇ تۈندە نۇرنىڭ مەنبەئىدۇر بۇ چىراغ،
تۈندە يول تېپىپ مېڭىشنىڭ مەشئەلىدۇر بۇ چىراغ.
تۈندە قەلەم تۇتقىلى بولماس يۇقالسا بۇ چىراغ،
قانچە يازسام شۇنچە قاينار دەرد تېگىدىن ئىشتىياق.
ئابدۇخالىق، كۈن-تۈنى ئۇيقۇدىن بىدارىسەن،
خۇددى بىر پەرۋانىسەن، كەتمە، ھامان نۇردىن يىراق.
Yorumlar
Yorum Gönder