يالغۇز تۇرنا (شېئىر)

دۇفۇ


يالغۇز تۇرنا يېمەي-ئىچمەي سايرايدۇ،

ئۇچقان پېتى ھەمراھىنى چىللايدۇ.

قالدى يېتىم ئۆز توپىدىن ئايرىلىپ،

كىملەر ئۇنىڭ شۇ ھالىنى ئويلايدۇ؟


كۆردى گويا سايىسىنى يىراقتىن،

ساداسىمۇ ئېچىنىشلىق ياڭرايدۇ.

قاقىلدىشار جاڭگاللاردا قاغىلار،

تۇرنا زارى ئۇلارغا كار قىلمايدۇ.


ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك