رۇبائىيلار (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن)
1
ئايلاندىم كۆپ دىيار - ۋەتەننى، ياتنى،
تاپمىدىم ئۆز يۇرتتەك قۇدرەت - قاناتنى.
ئەل ئالتۇن بۆشۈكۈم، ئەل گۆھەر تەختىم،
قۇت بىلدىم بىر زامان چەككەن پەريادنى.
2
ئەقىلنىڭ جەۋھىرى ھېكمەت يېڭىلمەس،
ھېكمەتسىز مەنىلىك سۆھبەت تۈزۈلمەس.
چىن ھېكمەت تۇرمۇشنىڭ ئەينىكى، كۆركى،
ئەل ئامان، ھېكمەتنىڭ يىپى ئۈزۈلمەس.
3
قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ھەر بېتى راھەت ماڭا،
مەيلى قايغۇ، مەيلى شادلىق كەلگىنى ئامەت ماڭا.
بولسا گەر قەلبىڭدە ھېكمەت قىلغۇلۇق جۇتنى باھار،
بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت، ئامىتىم ئاپەت ماڭا.
4
بولمىسا شاخىڭدا بۇلبۇل سەرۋى قامەت مەنىسىز،
كۈلمىسە يېنىڭدا جانان، بەختۇئامەت مەنىسىز.
زېھنۇ كارىڭنى ئەگەر ئەل، بەختىگە بەخش ئەتمىسەڭ،
ئۆز غېمىڭ ئۈستىدە قىلغان ئىستىقامەت مەنىسىز.
5
قەلەم قۇدرەتلىك ئەجدىھا، سىياھ قان،
ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز شاھۇ سۇلتان.
يوقالدى يەتتە گۈلشەن باغى بەھرام،
ياشار نىزامى پۈتكەن ئۇشبۇ داستان.
6
ئۆزگىنى ياراتماس ئۆزىدىن باشقا،
تەڭ كۆرمەس ياقۇتنى ئۆزدىكى تاشقا.
ۋە بەلكىم سالغاندۇر رەببىم ئەخمەقلىق
دەردىنى ئەڭ ئەخمەق رەشىكچى باشقا.
Yorumlar
Yorum Gönder