ئېگىزگە چىققاندا (شېئىر)
دۇفۇ
قىلار نالە، كۆرۈڭ، مايمۇن شامال سوققاچ بۇ كۈز ئەدەپ،
سۈزۈلدى سۇ، ئاقاردى قۇم، بېلىقچى قۇش ئۇچار لەپ-لەپ.
پايانى يوق دەرەخزاردىن تۆكۈلدى بارچە ياپراقلار،
تىنىمسىز شۇ ئەزىم چاڭجياڭ ئاقار ھەيۋەتتە ئۆركەشلەپ.
بۇ غەمكىن كۈز ئارا كەلدىم مۇساپىر بوپ يىراقلاردىن،
تېنىم بىمار، ئۆزۈم تەنھا، كېلەرمەن تىك-ئېگىز ئۆرلەپ.
مۇشەققەت دەستىدىن كەتتى چېكەمنى قار-قىرو قاپلاپ،
ئىسىت، قالدىم شارابتىنمۇ، يۈرەي ئەمدى قايان تېنەپ؟
ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder