دەھشەتلىك خىيال (شېئىر)

 غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد


دەھشەتلىك خىيالغا كىردىم توساتتىن

ئۆتتى دېرىزەمدىن جەڭ ھارۋىلىرى.

مۇھەببەتتىن تاندى جىنايەت،

بويىۋەتتى رەستىنى قانغا

قىزىل تامدىن چاچرىغان نالەت.

تەننىڭ سۇيۇق ھېكايىسىغا

غەرق بولدى سانسىز غايىب ئوق.

ئەرلەرگە ياشىغۇدەك سەۋەب قالمىدى

باشلاندى سەرسانلىق، جىنايەت دەۋرى.

ئادەم ئادەمگە قۇل ۋە پادىشاھ

ئادەم ئادەمگە ياسار جىنازا.

ئادەم ئادەمگە نومۇس، ھاقارەت

ئادەم ئادەمگە يىراق رىۋايەت.

ئاياللار ساتىدۇ، ئەرلەر ساتىدۇ

خۇشاللىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

مۇھەببەت يۈرۈشلەشكەن يېڭى سانائەت

ئۆلتۈرىدۇ يالغان گۈللەرنى

شېئىرلارىكى ئەسەبىي قاتىل.

توختىتىپ قويۇلغان كۆڭۈلدىكى دوقمۇشقا

قاندەك قىزىل بۇزۇق ماشىنا.

ئالمىشىپ كېتىدۇ بەزىدە

ئىبادەت، سىياسەت، تىجارەت.

شەھەر سېلىۋەتتى ئىچ كېيىمىنى

سەھرا قايتا كىيدى پىتلىق جۇۋىنى.

بوتۇلكىلارنى سۇندۇردى ھىجران

ئېتىزنى ئاق قويدى ئىسيانكار دېھقان.

چىۋىن چىۋىننى قۇتقۇزدى سۆيۈپ

باتۇر ئۆلۈمنى ئۆلتۈردى ئۆلۈپ.

گۈل ئېچىلىدۇ جۇدالىقتا...

كەتتى بىر دىۋانە چۆلگە يۈگۈرۈپ.

ھايات باشلانمىدى، يىراق ھەم غۇۋا

بوسۇغا ئالدىدا ئاخىرقى زامان.

قوي قوتىنىغا قوچقار پادىشاھ،

بىر يالغان، مىڭ يالغان... بەرىبىر يالغان!

2003- يىل ئۆكتەبىر . گۇما

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك