يوللار قىيىن (شېئىر)
لى بەي
زەر قەدەھتە لىق شاراپ، ئاقچا كەتتى مىڭلاپ،
مەرمەر تەخسە سەيگىمۇ پۇل تۆلىدىم ئون قاتلاپ.
قويۇپ قويدۇم چوكىنى كۆڭلۈم يوق مەي غىزاغا،
خەنجىرىمنى سۇغاردىم يىراقلارغا كۆز تاشلاپ!
ئۆتەي دېسەم ئۇ يانغا، ئەزىم خۇاڭخې مۇزلاپتۇ،
چىقاي دېسەم تەيخاڭغا كەتكەن ئۇنى قار قاپلاپ.
بېرىپتىمەن چۈشۈمدە خان بالىققا مەشرىقتە،
ئولتۇرۇپ سۇ بويىدا، بېلىققا قارماق تاشلاپ.
يوللار ئەجەب تەس ئىكەن، قىيىن ئىكەن قەدەر،
ئاڭلىغانتىم يول كۆپ دەپ، نەدىن تاپاي مەن قاتراپ!
نى پايانسىز دېڭىزدىن ئاقىۋەتتە ئۆتەرمەن،
دولقۇنلاردا چارچىماي، ئۈزۈپ كەڭ غۇلاچ تاشلاپ!
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder