باھار ئەييامىدا سەرخۇش بولۇپ دېگەنلىرىم (شېئىر)
لى بەي
ئويلىسام ھاياتلىق چۈش ئىكەن گويا،
دەرت چېكىپ ياشىماق بولمىغان راۋا.
كۈنبويى كەيپ بولۇپ ئۆتەرمەن بىخۇت،
ياتارمەن غەرق مەس بوسۇغىدىلا.
ئويغىنىپ كۆز سالسام گۈلزار ۋەسلىگە،
قىلىپتۇ نەغمىچى قۇشلار خوش ناۋا.
قايسى چاغ بولغاندۇ دىبان ئۇقۇشسام ،
يەتكۈزدى بۇلبۇللار باھاردىن سادا.
قايتىلاپ سۈرمەككە خوش چاغ پەيزىنى،
تولدۇرۇپ مەينى لىق نۇش ئەتتىم راسا.
قەمەرنى ساقلىدىم ناخشامنى توۋلاپ،
ھەر نە ئىش كاللامدا بولمايدۇ ئادا.
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder