لۇشەن شاقىراتمىسىنى تاماشا قىلىش (شېئىر)
لى بەي
بىنەپشە رەڭ تۇمان ئۆرلەر شۇ ئىسرىقدانغا كۈن چۈشسە،
ئېسىلغان شاقىراتما تىك يىراقتىن ئۇڭا كۆز تىكسە.
تۇرار سەكرەپلا ئۈچ مىڭ چى ئىگىزدىن باغرى دەرياغا،
گويا ئاسمان يولى ئەرشتىن غۇلاۋاتقان كەبى پەسكە.
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder