سۆيگۈ (شېئىر)

سائادەت ساتتار (ئايتۇغ) 


سەھەرنىڭ خۇش-ئىللىق شاماللىرىدىن،

پۇرىدىم ئەي نىگار سېنىڭ ھىدىڭنى.

كۆڭلۈڭنى بىلدۈرۈپ تۇرسىمۇ كۆزۈڭ،

. ئەجەپمۇ يازمىدىڭ تۇنجى خېتىڭنى.


چولپانغا تىكىلدىم ئۇزۇندىن-ئۇزۇن،

تىلىدىم سېنىمۇ ئويغاق بولسا دەپ.

مەن سىياق تىكىلسەڭ سەنمۇ ئۇنىڭغا،

تەڭ يانسا دىلدىكى ئوتلار كۈۋەجەپ.


دېڭىزنىڭ باغرىدا يانغان گۈلخاندەك،

تىۋىشسىز ئۆزگەردى شەرقنىڭ رەڭگى.

بىرلىرى سۆيگۈنى دېڭىز دەيدىكەن،

سەن بىلەن ئۇنىڭغا شۇڭغۇسام مەيلى.


2012-11-6


  

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك