ئاخىرقى سۆيگۈ (شېئىر)

ئىمىن ئەھمىدى


كىم مېنى سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن،

گۇناھ ئەمەس ئەمدى سۆيگۈ ئاختۇرۇش.

خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا

كىمنى ياراتماسلىق، كىمنى ياقتۇرۇش.


ۋاھ دەپ كۆكسۈمگە يېپىشقانلار بار،

چۈشەنسەم بوپتىمەن قولىدا قورچاق.

داغداما يوللارغا باشلارمۇ دېسەم،

چىقتى يولى ئەگرى، ھەتتا قىسقۇچاق.


«مۇھەببەت ئۆز ئەركىڭ» دېدى بىر مەھەل،

ئۇچۇردى، تاشلىدى، ئازدىم ئەقىلدىن.

بەرمىدىم ئۆزگىلەر ئۈچۈن قىلچە نەپ،

ئۆزۈمگە گۆر قازدىم، ئۆزۈم يىقىلدىم.


ساداقەت بابىدىن سۆز ئاچتى بىراق،

ئىشقىمنى ئەرزىمەس قىلدى تىيىنغا.

يا ئۇنى سۆيدۈرمەي ۋە ياكى بۇنى،

ھاياتىم سەپىرى چۈشتى قىيىنغا.


سالمايلا كەپتىمەن ئالەمگە نەزەر،

مۇھەببەت يولىنى بىلىپتىمەن تار.

بىكار كۈتۈپتىمەن شامۇسەھەرلەر،

بارمۇ دەپ دۇنيادا مېنى سۆيەر يار.


«ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرسا،

سۆيگۈلەر ھەر قاچان قاچاركەن يىراق.

ھەقىقىي بىر گۈزەل ئىزدىگەنلەرگە،

زۆرۈركەن ھەممىدىن بۇرۇن ئىشتىياق.


بۇ نۆۋەت مەن ئۈچۈن ئاخىرقى سۆيگۈ،

تۇنجى چىن ئاشىققا ئېرىشتىم تەستە.

مەن ئەمەس، ئەۋلادىم بەخت قۇچىدۇ،

بۇندىن سوڭ بولمايدۇ يۈرىكى خەستە.


ئەمدى كىم سۆيەر دەپ كۈتۈپ تۇرمايمەن،

گۇناھ ئەمەس ماڭا سۆيگۈ ئاختۇرۇش.

خىجىلمۇ بولمايمەن، ئىختىيارىمدا

كىملەردىن ۋاز كېچىش، كىمنى ياقتۇرۇش. 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك