رۇبائىيلار (روزى گۈلباي)
1
كۈلۈپلا ئالدىڭدا ئېگىلىپ تۇرسا،
دۇستۇم دەپ ئۆزۈڭگە قلمىغىن شوتا .
ئېگىلمەس تاغ چوققا تۇرار ھەيۋەتلىك،
نەپ بىرەر مىننەتسىز ئۇزگەرمەس ئۇدا.
2
تەبىئەت ئالدىڭدا گۈزەل بىر سۈرەت،
ئاسرىساڭ سەن ئۇنى تاپىسەن پۇرسەت .
ھالقىماس ئۇ ھەرگىز قانۇنيىتىدىن،
تەرتۈكسەڭ قۇينىدىن ئالىسەن زۇمرەت.
3
سۆيگۈدەپ يۈرىكىم قاتتى بولۇپ تاش،
ھىجراننىڭ دەردىدە قۇرىمىدى ياش.
قولۇمدىن ئۇچقان قۇش قايتىپ كەلمىدى،
قاقشاتتى بۇ ھايات ئاقاردى بۇ باش .
4
كۆزۈڭدە سۆيگۈنىڭ نۇرى تاڭ جولا،
زىياسى قەلبىمدە يۈرىكىم يارا .
كۆرگىنىم ئەمەسكەن ۋىسالنىڭ تويى،
بۇ بىر چۇش ھاياتقا ئەكىردى تەنھا.
5
چىن ئىخلاس مۇھەببەتكە بېرىدۇ جولا،
سۆيگۈنىڭ لەزىتى چاچار نۇر-زىيا .
تىلەكلەر ئىجابەت ئۆچمەس رۇھىدا،
پاكلىقتا ئېگىلمەس مەزموت تىك قىيا.
6
تاتلىق سۆز،ئاققان ياش بىر رۇھىي پەردە،
قاراپ باق پوت، قولى يۇرەر قەيەردە.
بال سۆزنى مارجاندەك تىزىش بەك ئاسان،
قىيىندۇر بىر ئۆمۈر ساقلاش ئەقىدە.
7
شارابنىڭ كەيپىدە يولۇم ئېگىز-پەس،
كارىم يوق،كۈلىمەن باسسا مېنى نەس.
بۇ كۈنلەرتاتلىق يا ئاچچىق بىلمىدىم،
ھاياتنىڭ تەسكەيدە قىينالدى نەپەس .
8
نادانلىق قۇينىغا يۇگەكلىك قىلتاق،
تەپەككۈر نوتىنى كېسەر ئۇ ھەرۋاق.
رۇھىيەت تاۋابدىن ئىزدەر بەختىنى،
بېشىغا بىرئۆمۈر كۈن چۈشمەس بىراق.
9
جامالىڭغا تەشنا مەن كۆرمىدىم ئۇزاق،
ئىلھامدۇر قەلبىمگە جۇپ كۆزۈڭ ئويناق.
ئىنتىزاربوپ ئۆرتەندى يۈرەك ئاتەشتە ،
قىينىما، ھىجراندىن قويمىغىن توزاق.
10
چاقنىدى پامىردا بىر گۈزەل ئارمان ،
كۈن نۇرى پايانداز، رەقاسقۇ چولپان.
ئاق،قىزىل رەڭ تەبئى ئەجەب جەلبكار،
يوقاتماس ئەسلىنى پەردازسىز چوپان.
11
ھايات ئۇ چوڭ قاينام تولغىنار ئىنسان،
زامانلارغا ئەجرىدىن قالدۇرار نىشان.
ياخشىمۇ، يامانمۇ قىسمىتى ئوخشاش ،
كېتىدۇ ھەممىسى كىيپ ئاق چاپان.
12
بۇ دۇنيادىن كىتىمىز بۇ بىر ھەققەت ،
كەتكىچە مەي ئىچىش بۇبىزگە پۇرسەت.
خۇش كەيپ بۇلغانساق بىلىنمەيدۇ ھەم،
دۇڭگەيمىز شەيتانغا بىز ئادەم سۈرەت .
13
سېھىر لىك قاينامغا ئوخشايدۇ تۇرمۇش ،
تەس كېلەر مەيدىنى كېرىپلا ئۇتۇش.
سىنايدۇ ھاياتنى تاشقىن،قايناملار ،
بەك قىيىن ھالاۋەت سۈرۈپلا تۇرۇش.
14
ۋاقىتنىڭ قىممىتى بىلىنەر كېيىن ،
ياشلىقتا تۇتمايمىز قويىمىز ئەركىن.
سەھەردەك چېغىمىز بولغاندا پېشىن،
پۇشايماندا قاترايمىز يولىمىز قىيىن.
15
ھەۋەستىن پارلايدۇ بىر گۈزەل ئامان ،
يۈرەكتە قاينايدۇ گويا بوپ ۋولقان .
ئىنساننىڭ خىيالى كېزەر ئالەمنى ،
ھالقىيدۇ پانىيدىن ئارزۈسى ھامان.
16
ياشايدۇ ئىنسانلار،ياشىدۇق شۇنداق ،
نەپ ئۈچۈن ھەر ئىشتىن يانمىدۇق بىراق.
پاك كەلدۇق،نەپنى دەپ بۇلغاندۇق راسا،
پاكلانماي كېتىمىز بۇ قىسمەت شۇنداق.
17
ۋاپانى ئىزدەيمىز ھەربىر ئىنساندىن ،
ئىنسانى پەزىلەت،سۆيگۈ،ئېھساندىن.
بىلگىنكى، نەق ۋاپا ئانا قەلبىدە ،
پەرزەنتنىڭ ئىشقىدا كېچىدۇ جاندىن.
Yorumlar
Yorum Gönder