گۈل (شېئىر)
پۇشكىن
كىتابنى ئاچتىم-دە چۈشتى نەزىرىم،
ئۇنتۇلغان پۇراقسىز، قۇرۇغان گۈلگە.
پەرىشان تەلمۈرۈپ قالدىم بۇ پەيتتە،
غەلىتە خىياللار تولدى كۆڭۈلگە.
كىم ئۈزگەن گۈلدۇر بۇ، بولغانمۇ ئۇزاق،
ئېچىلغان قەيەردە، قايسى باھاردا.
ئۈزگەن قول تونۇشمۇ ياكى ناتونۇش،
نېمىشقا قويدىكى ئۇنى بۇ جايدا.
ئۇ ئىللىق ۋىسالنىڭ خاتىرىسىمۇ،
ياكى يادىكار سوغۇق ھىجراننىڭ؟
يا جىمجىت سەھرادا بولغان بىر سەيلە،
ياكى ئەستىلىكى سوغۇق ئورماننىڭ.
ھېلىمۇ تىرىكمۇ يىگىت بىلەن قىز،
ماكانى بارمىدۇ ياشاپ يۈرگىدەك.
شۇ پەيتتە قەيەردە ياكى سۇلدىمۇ،
مانا شۇ بەرگىسىز قۇرۇلغان گۈلدەك؟!!
قۇربان بارات تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder