ئىت ناخشىسى (شېئىر)
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
تىترەيىتتى كوچىدا قالغان بىنالار.
قاچاتتى ماشىنىلار تەرەپ – تەرەپكە
جۇدالىق ئىسقىرتىپ تۇراتتى زار- زار...
بىر ئىت قاۋاپ ئۆتتى قاراپ بىر ئىتقا
ئىككىنچى ئىت مەن ئىدىم مىسكىن.
دېدىم؛ ئەي، مەن كەبى ماكانسىزمۇ سەن،
نىچۈن بۇ سوغۇق كېچىدە يۈرىسەن غەمكىن؟
دېدى ئىت؛ ئىشىقنىڭ يوقتۇر پايانى،
يەتتە ئىقلىمغا كۆڭۈلدۇر سۇلتان.
يار جەسىدى قارلىق تاغلار
يېتىم جەننىتى زىمىستان.
ھەممە ئىشىكلەر ئېتىلگەن ماڭا،
ئىشىكى يوق ئالەمدە يۈرىمەن سەرسان.
كۈندۈز ۋە كېچىدۇر مەن ئۈچۈن پەقەت
قاپقارا يۈندە ۋە ئاپئاق ئۇستىخان.
يالغاندۇر زەنجىر ھەم يالغاندۇر يالاق،
بىر سادىق مۇھەببەت مېنى ئالدىغان.
كۆڭۈللەر ئىشىكىدە يۈرىمەن تىنەپ ،
ئۆلۈكۈم كوچىدا قالىدۇ ھامان.
قامچىلار قۇياشنىڭ نۇرلىرى مېنى،
يۇلتۇز شولىسىدا چىكىمەن ھەسرەت.
باغرىغا ئالار ئىھ، كەلگىن بالام دەپ
پەقەتلا مۇدھىش ھەم پايانسىز زۇلمەت...
دېدى ئىت توساتتىن؛ ئەي غېرىب كىشى
يارىڭنىڭ يولىغا تۇرامسەن قاراپ؟
كەلمەيدۇ، كەلمەيدۇ...
ئاھ، ئېغىر ھەسرەتتە قويدۇم مەن قاۋاپ.
2008- يىل15- فىۋرال. خوتەن
Yorumlar
Yorum Gönder