ئىزلەيمەن (شېئىر)

(مۇرەببە)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد


نالە- پەرياد ئىچىدىن نىدايىمنى ئىزلەيمەن،

كۆيمەك ئۈچۈن ئوت بولۇپ گۇناھىمنى ئىزلەيمەن،

گۇناھلىرىم ئىچىدىن خۇدايىمنى ئىزلەيمەن،

خۇدايىمغا يەتمەككە قازايىمنى ئىزلەيمەن.

نامىم ئاشىق قەلەندەر، ئىشىم- پىغان چەكمەكتۇر،

بالا گەردان چۆللەرگە ئۆزۈم تەنھا كەتمەكتۇر،

كارۋان تارتىپ ئۆزۈمگە، ھەق ۋەسلىگە يەتمەكتۇر،

ھەق ئىگەمگە مۇناسىپ سىماھىمنى ئىزلەيمەن.

چۇقان سېلىپ ئۆتەرمەن: ئاشىققا جان نە كېرەك؟

جاندا جانان بولمىسا دەردۇ- ھىجران نە كېرەك؟

روھتا پەرۋاز بولمىسا، قۇشقا ئاسمان نە كېرەك؟

كۆڭۈللەردىن زارۇ- زار سادايىمنى ئىزلەيمەن.

مەن ئۆزۈممەن ئۆزۈمگە جەننەتلەرنىڭ يول خېتى،

مەن ئۆزۈممەن، ئۆزۈمگە پىلسىراتنىڭ كۆۋرۈكى،

مەن ئۆزۈممەن، ئۆزۈمگە يەتتە دوزاخ تۈۋرۈكى،

مېنى ماڭا قۇل قىلغان ئىلاھىمنى ئىزلەيمەن.

ياندىم، ئۆچتۈم، كۈل بولدۇم، مەندە ئارمان قالمىدى،

سالدىم جەندە- كۇلاھنى ، نالە- ھىجران قالمىدى،

ئايان بولدۇم ھەمىگە، زەررە پىنھان قالمىدى،

قانات كەردىم ئىچىمگە، سامايىمنى ئىزلەيمەن.

كېتەي دەيمەن پىنھانە جېنىمدىكى ئايۋانغا،

تېنىمدىكى خۇشھاۋا گۈزەل باغۇ- بوستانغا،

قانلىرىمدا ئېچىلغان گۈلى لالە- رەيھانغا...

بىر دەم ئارام ئالماققا پاناھىمنى ئىزلەيمەن.

2000- يىل 15- ئىيۇل. خوتەن

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك