قۇچىقىمدا ئاينىڭ بالىسى (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد


قۇچىقىمدا ئاينىڭ بالىسى

ئەينەك سۇنار سۈزۈك ۋە ئوچۇق.

چوقۇغاندەك راۋاپ تارىنى

چىدىيالماي نازۇك تۇمۇچۇق.

دەريا بىلمەس ناخشا ئېيتىشنى

ئورمانلارنىڭ كىرپىكى سۇنۇق.

تاشنىڭ تاشقا تۈگىمەس گېپى،

گۈلنىڭ گۈلگە قارار كۆزى يوق...

ئۆلۈك ئاتقا مېنىپ يۈرگەن ئەر

ئۆمۈر بويى قىلىدۇ سەپەر.

ناشتىلىقتۇر ئۆلۈم بىر ۋاخلىق

ھىچكىم بىلمەس مەلۇم بىر سەھەر.

ئەرۋاھلارنىڭ چىرايى باشقا

تۈن قارىغۇ، شاماللار گاچا.

ياغار كۆكتىن ھايات يامغۇرى ،

يەردىن كۆكلەپ چىقار جىنازا.

...

شىرىن خىيال تۈگەر بىر دەمدە

يېنىپ ئۆچكەن سەرەڭگە كەبى.

ۋاپا قىلماس چىرايلىق ئايال،

ۋاپا قىلماس دەردى، ھەسرىتى.

قارىسام بار، سۆيەي دېسەم يوق

جاننى ئالار، ئۆلەي دېسەم يوق...

قۇچىقىمدا ئاينىڭ بالىسى.

                   2007- يىل 20- ئۆكتەبىر. گۇما 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك