ساۋاقداشلار ناخشىسىدىن ئەبجەش خىياللار
زۆھرەگۈل ھامۇت
قالدى ئەسلىمە ياتاق، سىنىپتا،
قالدى رىشتە باغلانغان ماكان.
كەتسەكمۇ يىراق-يىراق جايلارغا،
بىزلەر ساۋاقداش، ساۋاقداش ھامان.
تېلېۋىزور ئالدىدا «مەشرەپ» پروگراممىسىنى كۆرۈۋېتىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ياڭراتقان بۇ ئۈزۈلمەس ياڭراق مېلودىيەنى ئاڭلاپ، «ساۋاقداشلار ناخشىسى»دىن ئاپىرىدە بولغان ئىزگۈ ھېسلىرىم تارىم دەرياسىنىڭ دولقۇنىدەك كۈۋەجەپ، سېغىنىش ئەۋجىدە تاشقىنلاۋاتقان كۈچلۈك پىغان يۈرىكىمنى ئۆرتەپ، كۆز ياشلىرىم مەڭزىلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدى. ستۇدېنتلىق ھاياتىم كۆز ئالدىمدا تېز سىزما رەسىملەردەك سۈرەتلىنىپ، ئىلىم-مەرىپەت ئىشقىدا ھەرياقتىن ئالىي بىلىم يۇرتىغا توپلىشىپ، ئۈچ يىللىق ساۋاقداشلىق رىشتىمىز باغلانغان قۇرداشلىرىمىز خىيالىمغا كېلىپ كەتتى.
ئەنە، سىنىپ مەسئۇلىمىز ئەركىن مۇئەللىم بىزگە ستاتىستىكىدىن دەرس سۆزلەۋاتىدۇ. ئەنە، سىنىپ ھەيئىتىمىز تەلئەت ئۆگىنىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. مومامنىڭ چېچىدەك ئاپئاق ۋە قېلىن قارلارنى تازىلاۋاتقان ساۋاقداشلار خۇشال كۈلكە-چاقچاقلار ئىچىدە بىر-بىرىگە قار ئېتىشىپ ئويناۋاتىدۇ. بەزىلىرى قار دۆۋىلىرىدىن ھەيۋەتلىك قار بوۋاي ياساپمۇ ئۈلگۈرۈشكەن. يېڭى يىل ھارپىسىدا ساۋاقداشلار رەتلىك كىيىنىپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋالماقتا. ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەلىپى بىلەن «يېڭى يىل، يېڭى ھايات» ناملىق شېئىرنى جاراڭلىق ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلماقتىمەن:
يېتىپ كەلدى يېڭى يىل بوۋا،
ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ قەددىنى پۈكۈپ.
كۈتۈۋالدى ئەزىز ساھىبخان،
قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ كۈلۈپ.
كائىنات يېڭىدىن تون كىيدى لىباس،
ئالەم ئارا ياڭرىدى نەغمە.
شادىمان كۈلكىلەر تىترەتتى پەلەك،
جۆر بولدى كۈلكىگە توي، مەشرەپ، بەزمە.
يەنە كېلەر يېڭى يىل بوۋا،
ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ قەددىنى پۈكۈپ.
كۈتۈۋالار ئەزىز ساھىبخان،
قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ كۈلۈپ.
شۇ تەرىقە ئۆتەر تالاي يىل،
تەبىئەت قوينىغا چېكەر نەقىشلەر.
شان-شەرەپ، غەلىبە قۇچماي گەر پەقەت،
يېڭى يىل كۈتۈلسە بوۋاي ئاھ چېكەر.
ئاماننىسا، يۈسۈپ، ئەلىشېرلەر،
بىر ھېكمەتنى ئېيتار بۇ ھەقتە:
«ياشلىقىڭنى ئۆتكۈزمە تەمسىز،
ياشلىق گۈلۈڭ خازان بىر پەستە...»
ئەنە، ناخشىخۇمار ساۋاقداشلىرىم دوستۇم رىزۋانگۈل ئىككىمىز ياڭراتقان يېقىملىق كۈيلىرىمىزگە ئەسىر بولدى. قازاق ساۋاقدىشىمىز رۇقىيەنىڭ گىتار بىلەن ئورۇندىغان شوخ ناخشىلىرى ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماقتا... ساۋاقداشلىرىمنىڭ سىنىپنى كۆتۈرۈۋەتكۈدەك گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى!...
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ، ئۈچ يىللىق قىممەتلىك ستۇدېنتلىق ھاياتىم ئوقۇش پۈتتۈرۈش مەنزىلىگە يەتتى. ھەر جايدىن كەلگەن قىز-ئوغۇل ستۇدېنتلارنىڭ مۇڭلۇق كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلۇپ، جۇدالىق ئازابىدا يۈرىكى مۇجۇلدى. ئاپتوبۇس دەرىزىسىدىن قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغا-زارە ئىچىدە ئۆزىنى ئۇزىتىپ قالغان ساۋاقداشلىرىغا قىيالماي كېتىپ قالغان ئايۇپ، مۇختەر، تەلئەت، ساھىبجامال، رىزۋانگۈل، خەيرىگۈل، ئايپاشا، ئالتۇنگۈل، ئامىنە، شەمشىنۇر، گۈلجەمىلەلەر...
دائىملا ئالىي مەكتەپكە بېرىپ چۈش كۆرىمەن. چۈشۈمدە ياتاقداشلىرىم خەيرىگۈل، ئايپاشا، ئالتۇنگۈل، ئامىنە، شەمشىنۇر، گۈلجەمىلە، گۈلمىرەلەر بىلەن يەنىلا بىر ياتاقتا يېتىپ، بىرگە دەرس تەكرار قىلىپ، ئىمتىھان بېرىمەن. تەنتەربىيە مەيدانىدا ساۋاقداشلار بىلەن خىلمۇخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىمەن. شېرىن چۈشتىن ئويغانغىنىمدا رېئال تۇرمۇش سەھنىسىدە بىرھازا تېڭىرقاپ قالىمەن. كۈنسېرى ئارقامدا قېلىۋاتقان ستۇدېنتلىق ھاياتىمنىڭ ئۇنتۇلماس خاتىرىلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ، ئالبوم ئىچىدىكى جانسىز سۈرەتلەرنى بىرمۇبىر كۆرۈپ چىقىمەن. ھىجران ئازابى يۈرىكىمنى تىلغاپ، سېغىنىش ئوتى قەلبىمدە گۈلخان بولۇپ يانىدۇ. مۇڭلۇق كۆزلىرىم قەترىسە ئويناقلاۋاتقان سېغىنىش ياشلىرىنى توغان سېلىپمۇ توختىتالمايمەن.
قايسىدۇر بىر يازغۇچى: «دۇنيادا ئۈچ خىل دوستلۇق ئەڭ سەمىمىي ھەم ئەڭ مۇقەددەستۇر. بىرى، ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى دوستلۇق؛ يەنە بىرى، ئوكوپلاردىكى دوستلۇق؛ ئۈچىنچىسى، كامېردىكى دوستلۇق» دەپ ئىنتايىن توغرا ئېيتقان. ساۋاقداشلارنىڭ دىل رىشتىسى مەڭگۈ ئۈزۈلمەستۇر.
يىللار بىغۇبار، سەبىي كۈلكىلىرىمىزنى ئارقىمىزغا تاشلاپ، زىممىمىزگە ئائىلە، خىزمەت، ئۆگىنىشتىن ئىبارەت يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەن بولسىمۇ، قەلبىمىزدىكى ئالىي غايە، ئارزۇ-ئىستەكلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ياش يۈرىكىمىزگە ساۋاقداشلىق، دوستلۇق رىشتىسىنى باغلىغان ئانا مەكتىپىمنى ئۇنتۇلدۇرالمىدى.
ھەرقايسى جايلاردا ھەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، جەمئىيەت سەھنىسىدە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇۋاتقان قەدىرلىك ساۋاقداشلىرىم، تەشنا يۈرىكىمگە ئىلىم-مەرىپەت مەشئىلى ياققان كۆيۈمچان ئۇستازلىرىم، مېھرىبان قۇچىقىدا ئەللەيلەپ، يۇمران قەلبىمنى ئالىي غايە بىلەن تۇيۇندۇرغان سۆيۈملۈك ئانا مەكتىپىم — سىلەرگە مەندىن ئوتلۇق سالام!
كېلىڭلار دوستلىرىم! «ساۋاقداشلار ناخشىسى»غا جۆر بولايلى. سېغىنىش كۈيلىرىمىز پەلەككە ياڭراپ، مەيىن شامال لەرزىسىدە ئوتلۇق نەپەسلىرىمىز قوشۇلۇپ كەتسۇن!
قالدى ئەسلىمە ياتاق، سىنىپتا،
قالدى رىشتە باغلانغان ماكان.
كەتسەكمۇ يىراق-يىراق جايلارغا،
بىزلەر ساۋاقداش، ساۋاقداش ھامان.
Yorumlar
Yorum Gönder